مالىيە ۋاقتى گېزىتى: «خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتىكى تۇتۇرۇقسىزلىق شىنجاڭنى پاتقاققا پاتتۇرۇپ قويدى»
2023.03.06
ئەنگلىيەنىڭ نوپۇزلۇق گېزىتلىرىدىن «مالىيە ۋاقتى» گېزىتى 6-مارت ئېلان قىلغان بىر ماقالىدا، خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەردىكى تۇتۇرۇقسىزلىق ئۇيغۇر ئېلىنى قىيىن ئەھۋالدا قويغانلىقى، خىتايغا قارىتىلغان ئۈنۈمسىز جازا ۋە قۇرۇق كېلىشىملەرنىڭ رايوننىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى ياخشىلىيالمىغانلىقىنى بىلدۈرۈلگەن. «مالىيە ۋاقتى» گېزىتىنىڭ مۇخبىرى يۈەن ياڭ قەلەمگە ئالغان «خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتىكى تۇتۇرۇقسىزلىق شىنجاڭنى پاتقاققا پاتتۇرۇپ قويدى» ماۋزۇلۇق ماقالىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئۆتكەن ئايدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىيازنىڭ لوندون بىلەن بريۇسسېلنى زىيارەت قىلىش پىلانى قاتتىق قارشىلىققا ئۇچراپ بىكارقىلىنىشى، «ياۋروپانىڭ شىنجاڭغا ئارىلىشىشىغا ئالاقىدار تېخىمۇ چوڭقۇر بىر مەسىلىنى يورۇتۇپ بەرگەن».
ماقالىدا، ئەركىن تۇنىيازنىڭ كىم بىلەن كۆرۈشۈشى، قاچان جازا يۈرگۈزۈلۈشىدىن تېخىمۇ مۇھىم بىر سوئال بارلىقى، ئۇ بولسىمۇ «ياۋروپا ھۆكۈمەتلىرىنىڭ شىنجاڭدىكى قەبىھلىككە خاتىمە بېرىشتە ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدىغان نىشانى نېمە؟ ئەگەر بۇنداق بىر نىشان بولمىسا، نېمىلەرنى قىلالايدۇ» دېگەن سوئال ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.
ماقالىدا ئوتتۇرىغا قويۇلىشىچە، ب د ت دا ئۆتكەن يىلى بولغان شىنجاڭدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشى توغرىسىدىكى مۇنازىرە، بۇ ئىشتا خىتاي بىلەن سۆزلىشىش ئارقىلىق ئۇنىڭغا تەسىر كۆرسىتىش مۈمكىنچىلىكىنىڭ يوق دېيەرلىك ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن. ماقالىدا، «ھاكىمىيەت ھەر قانداق تەنقىدكە جاۋاب بېرىشنى خالىمىغاندا، ئىشەنچ تۇرغۇزۇشقا بىر بوشلۇق قالمايدىغانلىقى، بۇ، خىتاي شىنجاڭ مەسىلىسىدە ھەرگىز غەربنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمايدۇ، دېگەنلىك بولمىسىمۇ، بىراق ئىلگىرى بۇ تەسىرلەرنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ زىيانلىق بولغانلىقى» ئىلگىرى سۈرۈلگەن. ماقالىدا قەيت قىلىنىشىچە، «شىنجاڭدىن كەلگەن پارچە-پۇرات خەۋەرلەر دىپلوماتىك ئىستراتېگىيەدىكى نېگىزلىك بىر مەسىلىنى نامايان قىلغان بولۇپ، «ئۈنۈملۈك سۆھبەت ھەرىكەتنىڭ تەھدىت ياكى مەلۇم بىر ھەرىكەت پىلانى بولغان تەلەپنىڭ يەتكۈزۈلۈشى» نى بىلدۈرسىمۇ، لېكىن ياۋروپا ھۆكۈمەتلىرىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان ئالاقىلىرىدە دائىم بۇنىڭ بىرى ئىشلىتىلسە، يەنە بىرى ئىشلىتىلمىگەن، ئۈنۈمسىز جازا ياكى تۇتۇرۇقسىز كېلىشىملەرگە مەھكۇم بولۇپ قالغان.