سامانتا پوۋېر: «بۇ دوكلات خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا زادى نېمە قىلىۋاتقانلىقىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەرگەن»

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2021.03.12

ئامېرىكانىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق سابىق باش ئەلچىسى سامانتا پوۋېر، ۋاشىنگتوندىكى «نيۇلاينېز ئىستراتېگىيە ۋە سىياسەت ئىنستىتۇتى» نىڭ ئېلان قىلغان «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» ناملىق مۇستەقىل تەتقىقات دوكلاتىنىڭ «خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا زادى نېمە قىلىۋاتقانلىقىنى ئېنىق ئېچىپ بەرگەنلىكى» نى بىلدۈرگەن. ئۇ 12-مارت تۋىتتېردا ئىنكاس يوللاپ، «1948-يىلدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئەھدىنامىسى ب د ت نىڭ تۇنجى كىشىلىك ھوقۇق شەرتنامىسى، ئۇنىڭدا ئىرقىي قىرغىنچىلىققا بىر توپنى ۋەيران قىلىش ئۇرۇنۇشى، دەپ تەبىر بېرىلگەنلىكى» نى بىلدۈرگەن.

ئۇ: «بۇ دوكلات خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا زادى نېمە قىلىۋاتقانلىقىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەرگەن. دەلىللەرنى ئۆزىڭىز تەكشۈرۈپ بېقىڭ» دەپ كۆرسەتكەن. سامانتا پوۋېر 2013-يىلدىن 2017-يىلغىچە ئامېرىكىنىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى بولغان بولۇپ، ئۇ 2016-يىلى «فوربېس» ژۇرنىلى تەرىپىدىن دۇنيادىكى ئەڭ كۈچلۈك ئاياللارنىڭ بىرى، دەپ باھالانغان ئىدى. سامانتا پوۋېر: «بۇ دوكلاتتا تۇنجى قېتىم ئۇيغۇرلار خىتايدا ئۇچراۋاتقان مۇئامىلىنىڭ 1948-يىلىدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئەھدىنامىسىگە مۇستەقىل تەدبىقلانغانلىقى» نى بىلدۈرگەن.

ئۇنىڭ تۋېتتىر سۆزى خىتاينىڭ فىرانسىيەدىكى ئەلچىخانىسى ۋىدېيو ئىشلەپ، ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ ئازلاپ كەتكەنلىكىنى رەت قىلغان، بىراق ئۇنىڭ سانلىق مەلۇماتى مۇنازىرە قوزغىغان مەزگىلدە يوللاندى. مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ۋىدېيوسىدا ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ 2018-يىلى 12 مىليون 710 مىڭغا يەتكەنلىكى، بىراق ئۇنىڭ 2020-يىلى 11 مىليون ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. بۇ ۋىدېيو تۋېتتىردا «2 مىليوندەك ئۇيغۇر نەگە كەتتى؟» دېگەن مۇنازىرە قوزغىغان. گېرمانىيەلىك ئۇيغۇرشۇناس ئادرىيان زېنز، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ 2013-يىلى ئۇيغۇر نوپۇسىنى 11 مىليوندىن ئارتۇق، دەپ ئېلان قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.