كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى خەلقئارانى ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرماسلىق توغرىسىدا جىددىي تەدبىر قوللىنىشقا چاقىردى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2022.06.17
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

خەلقئارادىكى 20 دىن ئارتۇق مۇساپىرلار ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئورگىنى، 50 تىن ئارتۇق ئۇيغۇر تەشكىلاتى 17-ئىيۇن، دۇنيا مۇساپىرلار كۈنى ھارپىسىدا ئورتاق خىتابنامە ئېلان قىلىپ، ھەر قايسى ھۆكۈمەتلەر ۋە خەلقئارالىق ئورگانلارنى خىتايغا قايتۇرۇلۇش خەۋپى ئاستىدىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي مىللەتلەرنى قوغداش ئۈچۈن جىددىي تەدبىر ئېلىشقا چاقىرغان. چاقىرىقتا: «خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا كەڭ كۆلەملىك تۇتۇپ تۇرۇش، مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە قىيناشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ۋەھشىي جىنايى قىلمىشلىرىنى قانات يايدۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خىتاي سىرتىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ خەلقئارالىق قوغداشتىن مەھرۇم قېلىش ۋە قايتۇرۇلۇش خەۋپىگە قېلىشتەك توسقۇنلۇقلارغا دۇچ كېلىۋاتقانلىقى» ئەسكەرتىلگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ خىتابنامىگە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، ۋاكالەتسىز مىللەتلەر ۋە خەلقلەر تەشكىلاتى، كىشىلىك ھوقۇقنى ھىمايە قىلغۇچىلارنى قوغداش تەشكىلاتى، خەلقئارا مۇساپىرلار تەشكىلاتى، مۇساپىرلار قۇرۇلتىيى، ئوتتۇرا-شەرق ۋە شىمالىي ئ‍افرىقا ھوقۇق تەشكىلاتى، تەن جازاسى قۇربانلىرى مەركىزى، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 70 نەچچە ئاممىۋى تەشكىللەت ئىمزا قويغان. ھەر يىلى 20-ئىيۇن ب د ت نىڭ دۇنيا مۇساپىرلار خاتىرىلەش كۈنى بولۇپ، ب د ت مۇساپىرلار مەھكىمىسى بۇ يىلنى مۇساپىرلارنىڭ بىخەتەرلىك ھەقلىرىگە مەركەزلىشىش يىلى، قىلىپ بېكىتكەن ئىدى.

لېكىن 70 نەچچە تەشكىلاتنىڭ 17-ئىيۇن ئېلان قىلغان چاقىرىقىدا مۇنداق دېيىلگەن: «3-دۆلەتتە مۇقىم ئولتۇراقلىشىپ بولالمىغان ئۇيغۇرلار تۇتقۇن قىلىنىش ۋە (خىتايغا) قايتۇرۇلۇشتەك پەۋقۇلئاددە خەۋپكە دۇچ كەلمەكتە. ئۇلاردىن نۇرغۇنلىرى دائىم خىتاي دائىرىلىرىنىڭ تەلىپى بىلەن يەرلىك دائىرىلەرنىڭ پاراكەندىچىلىكى ۋە قورقۇتۇشىغا ئۇچراپ كەلدى، بەزى ئەھۋاللاردا ئۇزۇن مەزگىل تۇتۇپ تۇرۇلدى.»

چاقىرىقتا كۆرسىتىلىشىچە، ھۆكۈمەتلەر قايتۇرۇلۇش خەۋپىدىكى ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئاكتىپلىق بىلەن مۇساپىرلارنى ئورۇنلاشتۇرۇش پروگراممىسىنى يولغا قويۇپ، جىددىي قايتۇرۇلۇش خەۋپىدىكى دېلولارغا دىققەت قىلىشى، ھۆكۈمەتلەر خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى نىشان قىلغان جىنايى ئىشلار ئەدلىيە ھەمكارلىق تەلەپلىرىنى رەت قىلىشى، شۇنداقلا خىتاينىڭ خەلقئارا سانلىق مەلۇمات ئامبارلىرىنى ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي مىللەتلەرگە قارشى ئىشلىتىشىنىڭ ئالدىنى ئاكتىپلىق بىلەن ئېلىشى كېرەك ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت