ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى ب د ت دا ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتىنى مۇزاكىرە قىلىشنى تەلەپ قىلدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2022.09.26

ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى 26-سېنتەبىر كۈنى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتىنى مۇزاكىرە قىلىش توغرىسىدا بىر تەكلىپ لايىھەسى سۇنغان. فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، دىپلوماتلار تەكلىپ لايىھەسىنى ئامېرىكانىڭ سۇنغانلىقى، لېكىن ئۇنىڭغا قوشۇمچە ئەنگلىيە، كانادا، دانىيە، فىنلاندىيە، ئىسلاندىيە، نورۋېگىيە، شىۋېتسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئىمزا قويغانلىقى، ئىمزا قويىدىغان دۆلەتلەرنىڭ يەنە كۆپىيىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرگەن. بۇ دۆلەتلەر يەنە ئۇكرائىناغا قوراللىق ھۇجۇم قىلغان رۇسىيە ئۈستىدىنمۇ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش توغرىسىدا تەكلىپ لايىھەسى سۇنغان.

فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە، ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ دائىمىي ئەزاسى بولغان ئىككى كۈچلۈك دۆلەت ئۈستىدىن بىرلا ۋاقىتتا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلىشنىڭ ئىلگىرى مىسلى كۆرۈلۈپ باقمىغان ھادىسە ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، تەكلىپ لايىھەسى كېلەر ھەپتە كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە ئاۋازغا قويۇلىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭدا ئۇيغۇرلار رايونىدىكى خورلاش ۋە دەپسەندىچىلىكلەرنى كىشىلىك ھوقۇق كېڭەشىنىڭ 2023-يىلنىڭ باشلىرىدىكى يىغىنىدا مۇنازىرە قىلىش تەلەپ قىلىنغانىكەن. بىر دىپلومات فىرانسىيە ئاگېنتلىقىغا قىلغان سۆزىدە، بۇ تەكلىپنىڭ ناھايىتى مۇھىم ئىكەنلىكىنى، چۈنكى «ئۇنىڭ خىتاينى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ كۈنتەرتىپىگە ئولتۇرغۇزىدىغانلىقى» نى ئېيتقان.

مەلۇم بولۇشىچە، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېكىشىنىڭ 26-سېنتەبىر كۈنىدىكى ئومۇمى يىغىنىدا، ئەنگلىيەنىڭ جەنۋەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى سىمون مانلېي: «بىز كىشىلىك ھوقۇقنىڭ بۇنداق ئېغىر ۋە سىستېمىلىق دەپسەندە قىلىنىشىغا كۆز يۇمماسلىقىمىز كېرەك» دەپ كۆرسىتىپ، «بۇ كېڭەش سۈكۈت قىلسا بولمايدۇ ھەم سۈكۈت قىلماسلىقى شەرت» دېگەن.

فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يىغىندا خىتاي ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ مۇدىرى شاۋكەت ئىمىن خىتاينى ئاقلاپ، بەزى غەرب دۆلەتلىرىنىڭ «شىنجاڭنى مۇقىمسىزلاشتۇرۇش ئۈچۈن كىشىلىك ھوقۇقنى ۋاسىتە قىلماقچى» بولۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئۇنىڭ سۆزىنى پاكىستان بىلەن ئافرىقىدىكى مالاۋىنىڭ ۋەكىلى قوللىغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.