بوسنىيە بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە تۇتقان پوزىتسىيەسى دىققەت قوزغىماقتا
2024.11.05
5-نويابىر كۈنى «ئاسىيا خەۋەرلىرى» تورىدا ئېلان قىلىنغان بىر ماقالىدە، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى (د ئۇ ق) نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى زۇمرەتئاي ئەركىن بىلەن بولغان سۆھبەتنىڭ مەزمۇنى بېرىلگەن. ئۇنىڭدا نۇقتىلىق قىلىپ د ئۇ ق نىڭ 8-نۆۋەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىنىڭ نېمىشقا بوسنىيە پايتەختى سارايېۋودا ئۆتكۈزۈلگەنلىكى، غەرب دۆلەتلىرى ئۇيغۇر ئېلىدىكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرى ھەم بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك كىشىلىك ھوقۇق جىنايەتلىرىگە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقاندا، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قوشنا دۆلەتلەرنىڭ بۇنىڭغا نېمىشقا سۈكۈت قىلغانلىقى تەھلىل قىلىنغان.
زۇمرەتئاي ئەركىن مۇخبىرغا بەرگەن جاۋابىدا، بوسنىيە پايتەختى سارايېۋونىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىققا شاھىت بولغان بىر جاي ئىكەنلىكى، مۇشۇنداق جايدا ياشىغان كىشىلەر ۋە سىياسەتچىلەرنىڭلا ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كەلگەن زۇلۇم ۋە زىيانكەشلىكنى چۈشىنىدىغانلىقىنى ئېيتقان. بوسنىيە مۇسۇلمانلار كۆپ سانلىق بىر دۆلەت بولۇپ، ئۇيغۇرلار بىلەن دىنداشلىقى سەۋەبىدىن كۈچلۈك ھېسداشلىق ۋە ھەمكارلىق تۇيغۇسىغا ئىگە ئىكەن.
ھالبۇكى، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دۆلەتلەر ئۇيغۇرلار بىلەن مىللەت، دىن، مەدەنىيەت جەھەتتە ئورتاق ئالاھىدىلىككە ئىگە بولۇشىغا قارىماي ئۇيغۇرلار دۇچ كەلگەن ئىرقىي قىرغىنچىلىققا كۆز يۇمۇپ، خىتاي بىلەن ھەمكارلاشقان، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇشى تەرەققىي قىلىپ كەتتى» دېگەن تەشۋىقاتلىرىغا ئىشىنىپ، «خىتاينىڭ قولىدا گۈللىنىش» يولىنى تاللىغان. زۇمرەت ئاي ئەركىن بۇلارنىڭ تامامەن خىتاينىڭ ئالدامچىلىق تاكتىكىلىرى ئىكەنلىكىنى، يەنە بىر جەھەتتىن قازاقىستان، قىرغىزىستان، تاجىكىستان ھۆكۈمەتلىرى خىتايدىن كېلىدىغان غايەت زور مەبلەغگە تايىنىپ قالغاچقا، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى تامامەن «ئۇنتۇپ» خىتاي تەرەپكە ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.