ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى: «بېيجىڭنىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقان ھۇجۇمى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش بىلەن ئالاقىسىز»

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى «بېيجىڭنىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقان ھۇجۇمى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش بىلەن ئالاقىسىز»، دېدى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى 4-دېكابىر كۈنى ئۆزىنىڭ تىۋىتتىر ۋە فېيىسبۇك قاتارلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى رەسمىي سەھىپىسىدە قىسقا بايانات ئېلان قىلىپ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى سىياسەتلىرىنى «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ بىر پارچىسى» دەپ ئاقلاشتا چىڭ تۇرۇۋاتقانلىقىنى تەنقىد قىلدى.

ئۇلار باياناتىدا مۇنداق دېگەن: «خىتاي ھۆكۈمىتى ھېلىھەم ئۇيغۇرلار ۋە باشقا مۇسۇلمان مىللەتلەرگە قاراتقان تۇتقۇن ھەرىكىتىنىڭ قانۇنلۇق ئىكەنلىكى ۋە بۇنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىدە چىڭ تۇرۇۋاتىدۇ. ئەمما پاكىتلار بولسا بۇنىڭ ئەكسىچە. تۇتقۇنلار ئۇ يەردە قېيىن-قىستاققا ئېلىنىۋاتىدۇ. ئۇلار دىنى ۋە مىللىي كىملىكىدىن تېنىشقا مەجبۇرلىنىۋاتىدۇ».

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يەنە ئۆزىنىڭ خەۋەر تور بېتى بولغان «Share America» ناملىق تور بېتىدىمۇ «بېيجىڭنىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقان ھۇجۇمى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش بىلەن ئالاقىسىز» ماۋزۇلۇق ماقالە ئېلان قىلدى. ماقالىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندىكى بىر مىليوندىن ئوشۇق ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان مىللەتلەرنى قايتا تەربىيە لاگېرلىرىغا قاماش ئارقىلىق، ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭ مىللىي ۋە دىنى كىملىكىنى يوقىتىشقا ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان ۋە پاكىت سۈپىتىدە خىتاي دائىرىلىنىڭ نۆۋەتتە رايوندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ زىيالىيلىرىغا قاتتىق زەربە بەرگەنلىكىنى، تارىخىي مەسچىت-مەقبەرىلىرىنى ۋەيران قىلغانلىقى، ئاتا-ئانىلارنىڭ ئۆز پەرزەنتلىرىنى مىللىي ۋە دىنى ئەنئەنىلىرى بويىچە تەربىيەلەشتىن چەكلەۋاتقانلىقىدەك پاكىتلارنى كۆرسەتكەن ۋە «بۇلارنىڭ ھېچقايسىسىنىڭ تېررورلۇق بىلەن ئالاقىسى يوق» دەپ ئەسكەرتكەن.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئارقىدىن يەنە، ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تۈرمىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىنىڭ قىزى جەۋھەر ئىلھامنىڭمۇ لاگېرلار مەسىلىسى ھەققىدە سۆزلىگەن قىسقا نۇتقىنى تارقىتىپ، ئامېرىكا ۋە دۇنيا جامائىتىنىڭ رايوندىكى يۈز بېرىۋاتقانلار ھەققىدىكى ئېڭىنى ئاشۇردى.