خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر دىيارىدا 110 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنى ناۋايچىلىق كارخانىلىرىغا يىغىۋالغان

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2021-10-14
Share

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئاتالمىش «خەلق تۇرمۇشىغا بەخت يارىتىش» قا دائىر تەشۋىقاتىنىڭ يەنە بىر تۈرلۈك مەزمۇنى ئىلگىرىكى تارقاق ھالدا ئۆز ئالدىغا تىجارەت قىلىدىغان بارلىق ناۋايلارنى بىر يەرگە توپلاپ، كوللېكتىپ شەكىلدە نان ياقتۇرۇشى بولماقتا.

«خىتاي خەۋەر تورى» نىڭ ئۇچۇرىغا قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر رايونىنىڭ ھەرقايسىي جايلىرىدا ئىلگىرىكى ناۋايلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 110 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنى ھۆكۈمەت قۇرغان ناۋايچىلىق كارخانىلىرىغا يىغىۋېلىپ، كوللېكتىپ نان يېقىشقا سالغان. بۇنىڭ ئىچىدە پەقەت قەشقەر شەھىرىدىكى «ناۋايلار باغچىسى» غا يىغىۋالغان ئۇيغۇر ناۋايلارنىڭ سانى 37 مىڭدىن ئاشىدىكەن. قەشقەر شەھرىدىكى «ناۋايلار باغچىسى» غا توپلانغان ناۋايلار توك بىلەن قىزىتىلىدىغان تونۇرلاردا كوللېكتىپ نان ياقىدىكەن. ھەر كۈنى بۇ جايدا يېقىلغان 500 مىڭ نان ئۇدۇللۇق مەخسۇس ماشىنىدا توشۇپ كېتىلىدىكەن. خەۋەردە بۇنى ناۋايلىق كەسپىنىڭ كۆلەملىشىشى، كەسپلىشىشى ۋە بازارغا يۈزلىنىشى، دەپ تەشۋىق قىلىش بىلەن بىرگە، ئۇيغۇر ناۋايلارنىڭ مۇشۇ ئارقىلىق ئىلگىرىكىدىنمۇ كۆپ پۇل تاپىدىغان بولۇپ كەتكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن.

شۇ قاتاردا ناۋايلاردىن ھەسەنجان يۈسۈپ مۇخبىرلارغا سۆز قىلىپ: «مەن پەقەت ئىجارە ئالغان تونۇرنىڭ توك ۋە گاز پۇلىنى تۆلىسەملا بولىدۇ. ياققان نانلارنى ساتىمەن دەپ ھەرەج تارتىدىغان ئىش ئەمدى تۈگىدى» دېگەن. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، قەشقەر تەۋەسىدە بۇ خىل ناۋايلار كوللېكتىپ ھالەتتە توپلانغان «ناۋايلار باغچىسى» 14 جايدا قۇرۇلغان بولۇپ، ھەركۈنى ئالتە يېرىم مىليونغا يېقىن نان يېقىلىدىكەن. ھۆكۈمەتنىڭ مەخسۇس گۇرۇپپىسى بۇ نانلارنى سېتىشقا مەسئۇل بولىدىكەن.

ھالبۇكى، رادىيومىزنىڭ يېقىنقى مەزگىللەردىكى ئەھۋال ئىگىلەشلىرى جەريانىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتىكى خىتايلاشتۇرۇش ھەركىتى جەريانىدا ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى تۇرمۇش ئادەتلىرىنى ھەمدە تۇرمۇش ئۇسلۇبىنى خىتايچىلاشتۇرۇش مۇھىم نىشان بولۇۋاتقانلىقى، بۇ جەرياندا ئۇيغۇر ھۈنەرۋەنلەرنىڭ كوللىكتىپ ھالدا ئەرزان باھالىق «مەجبۇرىي ئەمگەك» كە مەھكۇم بولۇۋاتقانلىقى ئاشكارا بولغان ئىدى. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەزكۇر خەۋىرىدىكى ناۋايلارنىڭ پەقەت نانلا يېقىشى، ئەمما يېقىلغان ناننى ھۆكۈمەت تارماقلىرىنىڭ ئېلىپ كېتىشى ھەققىدىكى بايانلار بۇ ھەقتىكى تېخىمۇ كۆپ بىلىنمىگەن ئەھۋاللاردىن مەلۇمات بەرمەكتە ئىكەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت