ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ 2019-يىلدىكى خام نېفىت ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ يېرىمىنى دېگۈدەك خىتاينىڭ «جۇڭگو نېفىت شىركىتى» گە قاراشلىق «شىنجاڭ نېفىت شىركىتى» ئىگىلىگەن ھەمدە ئۇنىڭ يىللىق ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى داۋاملىق ئارتتۇرغان. «خىتاي خەۋەرلەر» تورىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، «شىنجاڭ نېفىت شىركىتى» 2019-يىلى 12 مىليون 470 مىڭ توننا خام نېفىت، 2 مىليارد 930 مىليون كۈپ مېتىر تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقارغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئۆتكەن يىلى ئىشلەپچىقارغان ساپ خام نېفىت مەھسۇلاتى ئالدىنقى يىلقىدىن بىر مىليون توننا ئارتقان.
كۆزەتكۈچىلەر بۇ خىتاي ھۆكۈمىتى 3 مىليوندەك ئۇيغۇرنى لاگېرلارغا قاماپ، ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە قارىتا ئومۇميۈزلۈك تەقىبلەش ئېلىپ بېرىۋاتقان بىر مەزگىلدە خىتاينىڭ مەزكۇر رايوننىڭ نېفىت، تەبىئىي گاز ئېنېرگىيەسىگە بولغان ئېھتىياجى ۋە قېزىش سۈرئىتىنىڭ داۋاملىق تېزلىشىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ، دەپ قارىماقتا.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى نېفىت، تەبىئىي گاز ئېنېرگىيە بايلىقىنى «جۇڭگو نېفىت شىركىتى» دەك خىتاي دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ مونوپول قىلىپ، بۇ ساھەدىكى يۇقىرى مائاشلىق خىزمەت ئورۇنلارغا خىتايلارنى قوبۇل قىلىشى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىزچىل تەنقىدىگە ئۇچراپ كەلگەن ئىدى.
2019-يىلى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئىشلەپچىقىرىلغان بىر يىللىق ئومۇمىي نېفىت مەھسۇلاتىنىڭ ئاز كەم يېرىمىنى دېگۈدەك «جۇڭگو نېفىت شىركىتى» نىڭ «شىنجاڭ نېفىتلىكى» تارماق شىركىتى ئىگىلىگەن.
«خەلقئارا ئېنېرگىيە تورى» نىڭ ئۆتكەن يىلى ئېلان قىلىنغان بىر خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ 2019-يىلىنىڭ دەسلەپكى 6 ئېيىدا ئىشلەپچىقارغان ئومۇمىي خام نېفىت مەھسۇلاتى 13 مىليون 782 مىڭ توننا بولۇپ، بۇ ئالدىنقى يىلقىدىن 2. 4 پىرسەنت ئارتقان. ئۇنىڭ 2019-يىلنىڭ كېيىنكى 6 ئېيىدا ئىشلەپچىقارغان ئومۇمىي خام نېفىت مەھسۇلاتى تېخى مەلۇم ئەمەس.