ئۇيغۇر رايونىدا كەلگۈسى 5 يىلدا بىر مىليون 350 مىڭ ئادەم شەھەرگە كۆچۈپ كىرىشكە مەجبۇر بولىدىكەن

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2016.07.08

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا كەلگۈسى 5 يىلدا بىر مىليون 350 مىڭ يېزا نوپۇسى شەھەرگە كۆچۈپ كىرىپ ياشاشقا مەجبۇر بولىدىكەن. يېقىندا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق قۇرۇلۇش نازارىتى ئۆزىنىڭ 13‏-بەش يىللىق شەھەر-يېزا ئولتۇراق ئۆي قۇرۇلۇش پىلانىنى ئېلان قىلغان.

پىلاندا، بىر مىليون 350 مىڭ يېزا نوپۇسىنىڭ شەھەرگە كۆچۈرۈپ كىرىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. خىتاي ھۆكۈمەت ئاخباراتى-«تەڭرىتاغ تورى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، كەلگۈسى 5 يىلدا بىر مىليون 350 مىڭ ئادەم شەھەر بازارغا كۆچۈرۈپ كىرىشى بىلەن ئۇيغۇر رايونى نوپۇسىنىڭ شەھەرلىشىش نىسبىتى 45% گە يېتىپ بارىدىكەن.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا شەھەرلىشىشنى تېزلىتىش، كېڭەيتىش خىتاينىڭ 13‏-بەش يىللىق پىلانىدىكى مۇھىم نىشانلارنىڭ بىرى. ئەمما بەزى مۇتەخەسسىسلەر، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا كەڭ كۆلەملىك شەھەرلەشتۈرۈشنى يولغا قويۇشقا قارشى تۇرۇپ كەلدى.

ئۇلارنىڭ قارىشىچە، چوڭ كۆلەملىك شەھەر قۇرۇلۇشى ۋە نوپۇس يىغىندىسى رايوننىڭ تەبىئىي شارائىتىغا ماس كەلمەيدۇ. مۇتەخەسسىسلەر، تەبىئىي شارائىت نەزەرگە ئېلىنمىسا، بۇ رايوننىڭ نازۇك ئېكولوگىيەسىنى بۇزۇپ، قۇرغاقچىلىق، چۆللىشىش ۋە دېھقانچىلىقنىڭ ئومۇميۈزلۈك ۋەيران بولۇشىنى تېزلىتىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرۇپ كەلگەن.

لېكىن قۇرۇلۇش نازارىتىنىڭ 13‏-بەش يىللىق پىلانىدا كۆرسىتىشىچە، 2020‏-يىلغا بارغاندا رايوندا 11 بوستانلىق شەھەر-بازار ھاۋزىسى شەكىللىنىپ، 500 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم ياشايدىغان شەھەرلەر ھازىرقىدىن بىر ھەسسە كۆپىيىدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.