ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلار دىيارىدىن چىقىدىغان پاختا مەھسۇلاتلىرىنى مەنئى قىلماقچى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2020-09-08
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى سىياسىي باستۇرۇش ۋە مەجبۇرىي ئەمگەككە دائىر كۆپلىگەن دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ مەلۇم بولۇشىغا ئەگىشىپ ئامېرىكا ھۆكۈمىتى رايوندىن چىقىدىغان پاختا مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئامېرىكا بازىرىغا كىرىشىنى مەنئى قىلىش ھەققىدە قارار ئېلىشنى جىددىي ئويلىشىشقا كىرىشتى.

«نيۇ-يورك ۋاقتى» گېزىتىنىڭ 8-سېنتەبىردىكى ماقالىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، ترامپ ھۆكۈمىتى ھازىر ئۇيغۇرلار دىيارىدىن چىقىدىغان پاختىغا مۇناسىۋەتلىك مەھسۇلاتلارىنىڭ بىر قىسمىنى ياكى ھەممىسىنى مەنئى قىلىش، شۇ ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمانلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان زۇلۇملىرىنى جازالاشنى مۇھاكىمە قىلماقتىكەن.

مەزكۇر بۇيرۇق چىقىرىلغاندىن كېيىن ئۇنىڭ چەكلەش دائىرىسىنىڭ قانچىلىك بولىدىغانلىقى ھازىرچە نامەلۇم ئىكەن. ئەمما ئۇ ئىجرا قىلىنغاندىن كېيىن ئامېرىكا ۋە ياۋروپانىڭ كىيىم-كېچەك بازىرىغا زور تەسىر كۆرسىتىدىكەن. چۈنكى بۇ بازارلاردىكى «خىتايدا ئىشلەنگەن» (Made in China) دېگەن ماركىدىكى پاختا مەھسۇلاتلىرىنىڭ، شۇنىڭدەك كۆپ قىسىم دۇنياۋى داڭلىق ماركىلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئۇيغۇرلار دىيارىدىن چىقىدىغان پاختا مەھسۇلاتلىرىنى خام ئەشيا قىلىپ تىكىلىدىكەن.

يېقىندىن بۇيان دونالد ترامپ ئۆزىنىڭ سايلام نۇتۇقلىرىدا خىتايغا قارىتا تېخىمۇ قاتتىق جازا تەدبىرلىرىنى ئېلىش ھەققىدە سۆز قىلىۋاتقان بولۇپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان ئىقتىسادىي ئالاقىسى بارغانسېرى قىسقارماقتىكەن. يەنە كېلىپ بىر قىسىم كىيىم-كېچەك زاۋۇتلىرى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي مەھسۇلاتلىرىغا بولغان تاموژنا بېجى چەكلىمىسى تۈپەيلىدىن ئاللىقاچان زاۋۇتلىرىنى خىتايدىن ۋىيېتنام، ھىندونېزىيە، باڭگلادېش) بېنگال(قاتارلىق جايلارغا يۆتكىمەكتىكەن.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ 8-سېنتەبىردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، نۆۋەتتە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل چەكلىمىلىرى يەنە ئۇيغۇرلار دىيارىدىن چىقىدىغان پەمىدۇر مەھسۇلاتلىرىنىمۇ نىشان قىلماقتىكەن. چۈنكى ئۇيغۇرلار دىيارى خىتايلارنىڭ ئەڭ چوڭ پەمىدۇر بازىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ھەر يىلى ئامېرىكىغا غايەت زور مىقداردا پەمىدۇر قىيامى ۋە باشقا مەھسۇلاتلارنى ئېكسپورت قىلىدىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت