شىمالىي ئامېرىكا ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ فوتبۇل مۇسابىقىسى باشلاندى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2015-06-12
Share

شىمالىي ئامېرىكا ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك ئامېرىكا لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسى ئامېرىكىنىڭ ۋىرگىنىيە شتاتىدا باشلاندى. 3 كۈنلۈك مۇسابىقىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى پەيشەنبە كۈنى ئۆتكۈزۈلدى. تۇنجى مەيدان مۇسابىقە جۈمە كۈنى كەچ سائەت 8:00 دە ئۆتكۈزۈلىدۇ.

مۇسابىقىدە، كانادا تورونتو، بوستۇن ياشلىرى، ۋىرگىنىيە ئۇيغۇر بىرلىكى ۋە كالىفورنىيە كوماندىسى چېمپىيونلۇقنى تالىشىدۇ. چېمپىيونلۇقنى تالىشىش مۇسابىقىسى يەكشەنبە كۈنى ۋىرگىنىيەنىڭ لىزبۇرگ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ.

مەزكۇر مۇسابىقە دۇنيا ئۇيغۇر ئەركىنلىك لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ تەييارلىق باسقۇچى. تۇنجى نۆۋەتلىك دۇنيا ئۇيغۇر ئەركىنلىك لوڭقىسى مۇسابىقىسى 2013‏-يىلى گوللاندىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن. 2‏-نۆۋەتلىك ئەركىنلىك لوڭقىسى مۇسابىقىسى تۈركىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن ئىدى.

3‏-نۆۋەتلىك ئەركىنلىك لوڭقىسى مۇسابىقىسى بۇ يىل 8‏-ئايدا ئامېرىكىدا ئۆتكۈزۈلمەكچى ئىدى. لېكىن خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە، 3‏-نۆۋەتلىك دۇنيا ئەركىنلىك لوڭقىسى مۇسابىقىسىنىڭ ساھىپخانى-ۋىرگىنىيە ئۇيغۇر بىرلىكى پۇتبول كۇلۇبى دۇنيا ئۇيغۇر ئەركىنلىك لوڭقىسىنى كېلەر يىلى 6-ئايغا كېچىكتۈرۈشنى ئويلاشماقتىكەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت