شىمالىي ئامېرىكا ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك ئامېرىكا لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسى ئامېرىكىنىڭ ۋىرگىنىيە شتاتىدا باشلاندى. 3 كۈنلۈك مۇسابىقىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى پەيشەنبە كۈنى ئۆتكۈزۈلدى. تۇنجى مەيدان مۇسابىقە جۈمە كۈنى كەچ سائەت 8:00 دە ئۆتكۈزۈلىدۇ.
مۇسابىقىدە، كانادا تورونتو، بوستۇن ياشلىرى، ۋىرگىنىيە ئۇيغۇر بىرلىكى ۋە كالىفورنىيە كوماندىسى چېمپىيونلۇقنى تالىشىدۇ. چېمپىيونلۇقنى تالىشىش مۇسابىقىسى يەكشەنبە كۈنى ۋىرگىنىيەنىڭ لىزبۇرگ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ.
مەزكۇر مۇسابىقە دۇنيا ئۇيغۇر ئەركىنلىك لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ تەييارلىق باسقۇچى. تۇنجى نۆۋەتلىك دۇنيا ئۇيغۇر ئەركىنلىك لوڭقىسى مۇسابىقىسى 2013-يىلى گوللاندىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن. 2-نۆۋەتلىك ئەركىنلىك لوڭقىسى مۇسابىقىسى تۈركىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن ئىدى.
3-نۆۋەتلىك ئەركىنلىك لوڭقىسى مۇسابىقىسى بۇ يىل 8-ئايدا ئامېرىكىدا ئۆتكۈزۈلمەكچى ئىدى. لېكىن خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە، 3-نۆۋەتلىك دۇنيا ئەركىنلىك لوڭقىسى مۇسابىقىسىنىڭ ساھىپخانى-ۋىرگىنىيە ئۇيغۇر بىرلىكى پۇتبول كۇلۇبى دۇنيا ئۇيغۇر ئەركىنلىك لوڭقىسىنى كېلەر يىلى 6-ئايغا كېچىكتۈرۈشنى ئويلاشماقتىكەن.