5-ئاينىڭ 20-كۈنى، كالىفورنىيە شتاتى ئاۋام پالاتاسى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قارار لايىھەسىنى رەسمىي ماقۇللىدى.
بۇ قارار لايىھەسىنى كالىفورنىيە شتاتلىق ئاۋام پالاتا ئەزاسى چاد مەيس ئەپەندى تونۇشتۇرغان بولۇپ، شۇ كۈنى كالىفورنىيە شتاتى ئاۋام پالاتاسىدا 60 دىن ئارتۇق شتاتلىق پالاتا ئەزاسىنىڭ بىلەت تاشلىشى نەتىجىسىدە رەسمىي ماقۇللانغان.
قارار لايىھەسى ئاۋازغا قويۇلۇشتىن ئاۋۋالقى مۇنازىرىدە پالاتا ئەزالىرى ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختىتىشنىڭ تەقەززاسى ھەققىدە مۇھىم نۇتۇقلارنى سۆزلىدى. مەزكۇر قارارنىڭ ئاپتورى چاد مەيس ئەپەندى ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ۋەھشىيلىكنى «تارىخىمىزغا چۈشكەن داغ»، دەپ كۆرسەتتى. ئۇ «ئۇيغۇرلار شەرقىي تۈركىستان دەپ ئاتايدىغان زېمىندا تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز زۇلۇملار بولۇۋاتىدۇ. . . بۇ زۇلۇمنى ۋە شۇنداقلا ئامېرىكادا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ يۇرتلىرىدا لاگېرغا قامالغان، غايىب قىلىنغان ۋە ئالاقىسى ئۈزۈلگەن يېقىنلىرى سەۋەبىدىن باشتىن كەچۈرۈۋاتقان دەرد-ئەلىمىنى كۆرمەسكە سېلىشقا بولمايدۇ. . .» دېدى.
ئارقىدىن يەھۇدىي ئاۋام پالاتا ۋەكىللىرى جەس گەبرىيال، مارك لېۋىن، ئەرمەنى ئاۋام پالاتا ئەزاسى ئادرىن نازارىيان ئەپەندىلەرمۇ بىر ئېغىزدىن تەسىرلىك نۇتۇق سۆزلەپ، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قارار لايىھەسىگە بولغان قوللىشىنى ئىپادىلىدى.
ئادرىن نازارىيان ئەپەندى سۆزىدە «ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ۋەھشىيلىكلەرگە قارشى تەدبىر قوللىنىدىغان ۋاقىت يېتىپ كەلدى. ئەگەر بىز بۇ ۋەھشىيلىكنىڭ خاراكتېرىنى ۋاقتىدا تونۇپ يەتمىسەك، بىز تولىمۇ كېچىكىمىز، ئەپسۇسكى تارىختا بۇنىڭ ئۆرنىكىنى كۆردۇق» دېدى.
جەس گەبرىيال ئەپەندىمۇ سۆزىدە ب ب س تېلېۋىزىيەسىدە تارقىتىلغان ئۇيغۇر ئاياللىرى لاگېرلاردا كۆرۈۋاتقان ئىنسان قېلىپىدىن چىققان مۇئامىلە ھەققىدىكى خەۋەرنىڭ ئۆزى كۆرگەن ئەڭ قورقۇنچلۇق خەۋەرلىكىنى ئەسكەرتىپ تۇرۇپ: «ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىققا قارشى تۇرۇش بىزنىڭ ۋەزىپىمىز. بىز بۇ مەسىلىنى داۋاملىق تۈردە كۆتۈرۈپ چىقىشىمىز كېرەك ۋە بۇ قانۇن پەقەتلا تۇنجى قەدەم بولۇشى كېرەك» دەپ خىتاب قىلدى.
مارك لېۋىن ئەپەندى سۆزىدە ئىرقىي قىرغىنچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان خىتاي ھاكىمىيتىىنىڭ خۇددى ناتسىستلارغا ئوخشاش قىشلىق ئولىمپىككە ساھىبخانىلىق قىلماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «ھەربىر كىشى ئەمەلىي ھەرىكەتلىرى بىلەن بۇنىڭغا قارشى تۇرۇشى كېرەك، تارىختىكى ئوخشاش خاتالىقنىڭ سادىر بولۇشىغا يول قويماسلىقىمىز كېرەك» دېدى.
مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قارار لايىھەسنىڭ ماقۇللىنىشىدا كالىفورنىيە شتاتىنىڭ ھەر-قايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان يۈزدىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ ئۆز رايونلىرىنىڭ ئاۋام ۋە كېڭەش پالاتا ئەزالىرى بىلەن يۈزتۇرانە كۆرۈشۈپ، ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان زۇلۇملارنى ئاڭلىتىشى، شۇنداقلا لوس ئانژېلىستىكى دۇنيا يەھۇدىي كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ ئىزچىل ھالدا ئۇيغۇرلار بىلەن ھەمكارلىشىپ ھەرىكەت قىلىشى تۈرتكىلىك رول ئوينىغانىكەن.