ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ تاشقى ئىشلار كومىتېتى ئۇيغۇرلارغا ئائىت يەنە بىر قانۇن لايىھەسى ماقۇللىدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2021.10.01

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ تاشقى ئىشلار كومىتېتى 30 سېنتەبىر بىردەك ئاۋاز بىلەن ئۇيغۇرلارغا ئائىت يەنە بىر قانۇن لايىھەسى ماقۇللاپ، ئاۋاز پالاتاسىنىڭ ئاۋاز بېرىشىگە سۇنغان. جۇمھۇرىيەتچى ئاۋام پالاتا ئەزاسى يوڭ كىم تەرىپىدىن سۇنۇلغان «2021-ئۇيغۇر سىياسىتى قانۇنى» ناملىق بۇ قانۇن لايىھەسى دېموكراتىك ئاۋام پالاتا ئەزاسى ئامى بېرانىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن.

قانۇن لايىھەسىدە خەلقئارانىڭ ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان زىيانكەشلىككە قارىتا دىققىتىنى قوزغاش ئۈچۈن كونكرېت قەدەملەر بىلەن ئەتراپلىق، كۆپ تەرەپلىك ئىستراتېگىيە بەرپا قىلىش، تاشقى ئاشلار مىنىستىرلىقىغا ھوقۇق بېرىپ، ئۇيغۇر ئىلىدىكى كىشىلىك ھوقۇق خىرىسلىرىغا ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇش، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئاۋازىنى جىمىقتۇرۇشىغا قارشى تەدبىر ئېلىش تەلەپ قىلىنغان.

بۇ قانۇن لايىھەسى ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى يەنە بىر قانۇن- «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇن لايىھەسى» ئاۋام پالاتاسىنىڭ ماقۇللىشىنى كۈتۈپ تۇرغان، بايدېن ھۆكۈمىتى بۇ قانۇنغا قارىتا تېخى ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرمىگەن بىر ۋاقىتتا سۇنۇلدى.

ئاۋام پالاتا ئەزاسى يوڭ كىم 30-سېنتەبىر ئېلان قىلغان باياناتىدا: «ھېچكىم ئۆزىنىڭ دىنىي ئېتىقادى ياكى مىللىتى سەۋەبىدىن ئۆزىنى بىخەتەر ھېس قىلماسلىقى كېرەك. ئەپسۇسكى، مىليونلىغان ئۇيغۇر ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەر خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى ئەمەلدارلىرى تەرىپىدىن قايتا-قايتا جىمىقتۇرۇشقا، قولغا ئېلىنىشقا، تۈرمىگە تاشلىنىشقا، قىيىن-قىستاققا ۋە مېڭە يۇيۇشقا ئۇچراپ كەلدى» دېگەن.

ئاۋام پالاتا ئەزاسى ئامى بېرا «خىتاي كومپارتىيەسى خەلقئارانىڭ كەڭ كۆلەملىك تەنقىدىگە ئۇچراپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، بىراق ئۇيغۇرلارنىڭ ئەقەللىي ھەق-ھوقۇقلىرىنى دەپسەندە قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقى» نى ئەيىبلىگەن. مەلۇم بولۇشىچە، يېڭى قانۇن لايىھەسى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدا ئۇيغۇرلار ئىشىغا مەسئۇل ماسلاشتۇرغۇچى ئەمەلدار تەيىنلەش، ئامېرىكا دىپلوماتلىرىنى ئۇيغۇر تىلىدا تەربىيەلەش، ئۇيغۇرلارغا ئائىت ئۇچۇرلارنى مۇسۇلمان دۆلەتلەرگە تارقىتىش قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئ‍ىچىگە ئالىدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.