ئامېرىكا پالاتا ئەزالىرى ھۆكۈمەتنىڭ «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» نى قاتتىق ئىجرا قىلىشىنى تەلەپ قىلدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2022.12.09

ئامېرىكا ئاۋام ۋە كېڭەش پالاتالىرىنىڭ 4 نەپەر ئەزاسى ئامېرىكا ۋەتەن بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى ئالىخاندرو مايوكاسقا خەت يېزىپ، «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» نى قاتتىق ئىجرا قىلىشنى، ھۆكۈمەتنىڭ يېشىل ئېنېرگىيە پىلانى ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان دەپسەندىچىلىكنى چەكلەش مەقسىتىدىكى بۇ قانۇندىن مۇھىم ئورۇنغا قويۇلماسلىقىنى تەلەپ قىلغان. مەلۇم بولۇشىچە، «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» دىكى چەكلىمىلەر ئامېرىكانىڭ يېشىل ئېنېرگىيەگە كۆچۈشى ئۈچۈن مۇھىم بولغان كۈنتاختا باتارېيەسى ۋە باشقا يېڭىلاشقا ھالقىلىق يېشىل ئېنېرگىيە ئەسلىھەلىرىنىڭ ئىمپورت قىلىنىشىغا تەسىر كۆرسەتكەن.

ئامېرىكا جۇمھۇرىيەتچى ئاۋام پالاتا ئەزالىرىدىن مايك گاللاگېر، كرىستوفېر سىمىت، شۇنداقلا كېڭەش پالاتا ئەزالىرىدىن ماركۇ رۇبىئو ۋە تام كاتونلارنىڭ خېتىدە، «بىز سىزنىڭ ‹ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى›نى قانۇن بويىچە تولۇق ئىجرا قىلىشقا، بولۇپمۇ مەجبۇرىي ئەمگەكتە ئىشلەپچىقىرىلغان كۈنتاختا مەسىلىسىدە تولۇق ئىجرا قىلىشقا چاقىرىمىز. بۇ پۇل پاخاللىقىنى ئازايتىش قانۇنىغا ئاساسەن قوشۇمچە ياردەم، مۇكاپات ۋە باج قايتۇرۇشقا ئېرىشىشى مۈمكىن» دېيىلگەن. يۇقىرىقى پالاتا ئەزالىرىنىڭ خېتىدە تەكىتلىنىشىچە، «ئامېرىكالىق باج تاپشۇرغۇچىلارنىڭ ئۇيغۇر ۋە مۇسۇلمانلارنى ئاساس قىلغان باشقا مىللەتلەرنىڭ ئەمىلى رەۋىشتە قۇللۇققا تۇتۇلۇشىغا قوشۇمچە ياردەم بېرىشكە يول قويۇشقا بولمايدىكەن.»

پالاتا ئەزالىرى خېتىدە، ھۆكۈمەتنىڭ «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» نى قاتتىق ئىجرا قىلىش، جۈملىدىن خىتاينىڭ قارا تىزىملىكتىكى لوڭجى يېشىل ئېنېرگىيە تېخنىكىسى شىركىتى، جىنكو كۈنتاختا شىركىتى، ترىنا كۈنتاختا شىركەتلىرىگە قارىتامۇ قانۇننى قاتتىق ئىجرا قىلىشنى تەلەپ قىلغان. لېكىن ئامېرىكا چېگرا قوغداش ۋە تاموژنا ئىدارىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق، دەپ گۇمان قىلغان مەھسۇلاتلارغا قارىتا قاتتىق چەكلەش تەدبىرلىرىنى قوللانماقتىكەن. ئامېرىكا تاموژنىسى ئۆزلىرىنىڭ 728 مىليون دوللارلىق خىتاي ئېكسپورت مەھسۇلاتىنى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق، دېگەن گۇمان بىلەن تۇتۇپ قالغانلىقىنى ئېيتقان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.