ئامېرىكادىكى ئۇيغۇرلار «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لايىھەسى» نىڭ ماقۇللىنىشى ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتتى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2019-12-02
Share

ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر جامائىتى «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لايىھەسى» نىڭ ماقۇللىنىشىنى تېزلىتىش ئۈچۈن پائال ھەرىكەتكە ئۆتتى.

2-دېكابىر دۈشەنبە كۈنى ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە پايتەخت ۋاشىنگتون ئەتراپىدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلار بىرلىكتە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى پائالىيەتلىرىنى باشلىغان.

پائالىيەت تەشكىللىگۈچىلىرىنىڭ بىرى بولغان ئەلفىدار ئىلتەبىرنىڭ رادىيومىزغا بىلدۈرۈشىچە، ئەتە يەنى 3-دېكابىر كۈنى «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لايىھىسى» نىڭ ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىدا ئاۋازغا قويۇلىدىغانلىقى ھەققىدە خەۋەر كەلگەندىن كېيىن، ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى باشلىقى قۇززات ئالتاي جامائەتكە جىددىي چاقىرىق ئېلان قىلغان. چاقىرىققا ئاساسەن دۈشەنبە كۈنى ئەتىگەندىلا دۆلەت مەجلىسىگە يىغىلغان 40 تىن ئوشۇق كىشى 13 گۇرۇپپىغا بۆلۈنۈپ، ئۇيغۇر قانۇن لايىھەسىگە تېخى قول قويمىغان  ئاۋام پالاتا ئەزالىرىنىڭ ئىشخانىلىرىنى زىيارەت قىلىپ، ئۇلاردىن مەزكۇر قانۇن لايىھىسىنى قوللاشنى تەلەپ قىلغان.

مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر قانۇن لايىھىسى 3-دېكابىر كۈنى چۈشتىن كېيىن ئاۋازغا قويۇلىدىغان بولۇپ، ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر ئەتىمۇ بۇ جەھەتتىكى پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرىدىكەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت