ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر جامائىتى «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لايىھەسى» نىڭ ماقۇللىنىشىنى تېزلىتىش ئۈچۈن پائال ھەرىكەتكە ئۆتتى.
2-دېكابىر دۈشەنبە كۈنى ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە پايتەخت ۋاشىنگتون ئەتراپىدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلار بىرلىكتە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى پائالىيەتلىرىنى باشلىغان.
پائالىيەت تەشكىللىگۈچىلىرىنىڭ بىرى بولغان ئەلفىدار ئىلتەبىرنىڭ رادىيومىزغا بىلدۈرۈشىچە، ئەتە يەنى 3-دېكابىر كۈنى «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لايىھىسى» نىڭ ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىدا ئاۋازغا قويۇلىدىغانلىقى ھەققىدە خەۋەر كەلگەندىن كېيىن، ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى باشلىقى قۇززات ئالتاي جامائەتكە جىددىي چاقىرىق ئېلان قىلغان. چاقىرىققا ئاساسەن دۈشەنبە كۈنى ئەتىگەندىلا دۆلەت مەجلىسىگە يىغىلغان 40 تىن ئوشۇق كىشى 13 گۇرۇپپىغا بۆلۈنۈپ، ئۇيغۇر قانۇن لايىھەسىگە تېخى قول قويمىغان ئاۋام پالاتا ئەزالىرىنىڭ ئىشخانىلىرىنى زىيارەت قىلىپ، ئۇلاردىن مەزكۇر قانۇن لايىھىسىنى قوللاشنى تەلەپ قىلغان.
مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر قانۇن لايىھىسى 3-دېكابىر كۈنى چۈشتىن كېيىن ئاۋازغا قويۇلىدىغان بولۇپ، ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر ئەتىمۇ بۇ جەھەتتىكى پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرىدىكەن.