ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىلىرىنىڭ 3-دېكابىر كۈنى ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىدا ماقۇللانغان «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لايىھەسى» گە قارشى ھۇجۇمى كەڭ كۆلەملىك داۋام قىلماقتا.
دائىرىلەر ئىلگىرى ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنى، دىنىي ئۆلىمالار ۋە زىيالىيلارنى مەزكۇر قانۇن لايىھەسىگە قارشى ئىپادە بىلدۈرۈشكە سېلىپ كەلگەن. بۇنىڭدا ئاقسۇنىڭ ۋالىسى نىياز ھاشىم، قەشقەر ۋالىسى پەرھات روزى، قەشقەر شەھىرىنىڭ شەھەر باشلىقى ياسىن ياقۇپ، كەلپىن، تاشقورغان، ئۇچتۇرپان ناھىيەلىرىنىڭ ھاكىمى قاتارلىقلار ماقالە ئېلان قىلىپ، قانۇن لايىھەسىگە قارشى ئىپادە بىلدۈرگەن. لېكىن، خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، نۆۋەتتە دائىرىلەر يەنە رايوندىكى زاۋۇت كارخانىلاردا ئەمگەككە سېلىنىۋاتقان سابىق لاگېر تۇتقۇنلىرىنىمۇ قانۇن لايىھەسىگە قارشى ئىشقا سالماقتا ئىكەن.
قەشقەر كونا شەھەر ناھىيەسىنىڭ تۇرغۇنى ئاتىگۈل قارى ئەنە شۇلارنىڭ بىرىدۇر. ئاتىگۈلنىڭ ئېرى ئالىم راخمان ئىلگىرى لاگېرغا ئېلىپ كېتىلىپ، يېقىندا كونا شەھەر ناھىيەسىدىكى بىر كارخانىغا مەجبۇرىي ئەمگەككە يۆتكەلگەن. ئاتىگۈل قارى 10-دېكابىر «تەڭرىتاغ» تورىدا ماقالە ئېلان قىلىپ، «كەسپىي تەربىيەلەش مەركەزلىرى» نامىدىكى لاگېرنىڭ ئېرىدىكى «ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى» نى تازىلاپ، ئۇنى «نورمال ئادەم» گە ئايلاندۇرغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. خوتەن ناھىيەسىدە ئولتۇرۇشلۇق ئەزىز تۇرسۇن توختى خىتاي تاراتقۇلىرىدا ماقالە ئېلان قىلىپ، لاگېرلارنى ئاقلىغان يەنە بىر سابىق لاگېر تۇتقۇنى. ئۇ 10-دېكابىر «شىنجاڭ» گېزىتىدە ئېلان قىلغان ماقالىسىدە، «تەربىيەلەش مەركىزىگە كىرىشىنىڭ ھاياتىدىكى بۇرۇلۇش نۇقتىسى» ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. لېكىن ھازىر خوتەن ناھىيەسىدىكى بىر ئاياق زاۋۇتىدا ئىشلەۋاتقان ئەزىز تۇرسۇن توختى، ئۆزىنىڭ بۇرۇن نېمە ئىش قىلىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرمىگەن. ئۇلارنىڭ بۇ ماقالىلەرنى ئۆز رازىلىقى ياكى زاكاز بىلەن يازغانلىقى مەلۇم ئەمەس. لېكىن، بۇ ماقالىلەرنىڭ مەزمۇنىنىڭ ھۆكۈمەت تەشۋىقاتى بىلەن ئوخشاش ئىكەنلىكى دىققەت قوزغىماقتا.