قەشقەر دائىرىلىرى پارتىيە ئەزالىرى ۋە كادىرلاردىن يۈز مىڭ كىشىنى تەشكىللەپ، قەسەمياد يىغىنى ئۆتكۈزگەن

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2017.05.29

قەشقەر دائىرىلىرى پارتىيە ئەزالىرى ۋە كادىرلاردىن يۈز مىڭ كىشىنى تەشكىللەپ، قەسەمياد يىغىنى ئۆتكۈزگەن

دائىرىلەرنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا ئاممىنى تەشكىللەپ «كوللېكتىپ قەسەمياد يىغىنى» ئۇيۇشتۇرۇش ۋە ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان يەرلىك مىللەت كادىرلىرىغا «ئوچۇق خەت»ئېلان قىلدۇرۇش دولقۇنىنىڭ رامىزان مەزگىلىدە يەنىمۇ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلگەنلىكى مەلۇم بولماقتا.

تەڭرىتاغ تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، قەشقەر ۋىلايەتلىك دائىرىلەر 27-ماي كۈنى چۈشتىن كېيىن قەشقەر شەھىرىدىكى خەلق مەيدانىغا 100 مىڭ كىشىلىك پارتىيە ئەزاسى بىلەن ھەر دەرىجىلىك كادىرلارنى توپلاپ، «قەسەمياد يىغىنى» ئۆتكۈزگەن.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئۆتكۈزۈلگەن بۇ قېتىملىق زور كۆلەملىك «قەسەمياد يىغىنى» دا پارتىيە ئەزالىرى بىلەن كادىرلار بىردەك ئاتالمىش «ئۈچ خىل كۈچ» بىلەن «ئىككى يۈزلىمىچى» لەرگە قارشى مۇرەسسەسىز جەڭ ئېلىپ بارىدىغانلىقى ھەققىدە قەسەم بەرگەن.

خەۋەردە يەنە، قەشقەر شەھىرىنىڭ خەلق مەيدانىغا توپلانغان يۈز مىڭ پارتىيە ئەزاسى بىلەن ھەر دەرىجىلىك كادىرنىڭ قەشقەر ۋىلايەتلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ سېكرېتارى ياسىن سىدىقنىڭ رىياسەتچىلىكىدە شوئار توۋلاپ قەسەم بەرگەنلىكى ۋە بىر-بىرلەپ ئىمزا قويغانلىقى تىلغان ئېلىنغان.

ئىگىلىنىشىچە، قەشقەردە ئۆتكۈزۈلگەن بۇ قېتىملىق يۈز مىڭ كىشىلىك «قەسەمياد يىغىنى» رامىزان كىرگەندىن بۇيان پۈتكۈل ئۇيغۇر دىيارىدا ئۇيۇشتۇرۇلغان ئەڭ زور كۆلەملىك سىياسىي ئىپادە بىلدۈرۈش پائالىيىتى ئىكەن. كۆزەتكۈچىلەر، چېن چۈەنگو ئۇيغۇر دىيارىنى ئىدارە قىلغان يېرىم يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت جەرياندا رايوندىكى سىياسىي ئاتموسفېرانىڭ «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» دەۋرىدىنمۇ ئېشىپ كەتكەنلىكىنى تەكىتلىمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.