ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ئارگېنتىنا سوتىدا سوتلانماقچى

خىتاي ساھىبخانىلىق قىلماقچى بولغان قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسى 2022-يىلى 4-فېۋرال كۈنى باشلىنىدىغان بولۇپ، شۇ كۈننىڭ ئۆزىدە ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ھەققىدىكى ئەرزى ئارگېنتىنا سوتىدا رەسمىي قاراپ چىقىلىدىكەن.

«ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىنىڭ 13-دېكابىردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئەنگلىيەلىك ئادۋوكات مايكىل پولاك يېقىندا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى (د ئۇ ق) ۋە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى تەشكىلاتىغا ۋاكالىتەن «ئۇنىۋېرسال باشقۇرۇش تەۋەلىكى جىنايى ئىشلار ئەرزى» نى تەييارلىماقتىكەن. ئۇ بۇ ھەقتە مۇخبىرلارغا سۆز قىلىپ «بىزنىڭ ئارگېنتىنا سوتىدا قىلماقچى بولغىنىمىز ئادالەتكە قاراپ تاشلانغان بىر قەدەم» دېگەن. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئارگېنتىنا تەۋە بولغان خەلقئارالىق قانۇن تەۋەلىكى بويىچە، ئارگېنتىنا سوتى قىرغىنچىلىق ياكى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەرگە ئوخشاش قىلمىشلارغا سوت ئېچىش ئىمتىيازىغا ئىگە ئىكەن.

مايكىل پولاكنىڭ چۈشەندۈرىشىچە، نۆۋەتتە ئۇيغۇر دىيارىدا قىرغىنچىلىق بولۇۋاتقانلىقى ھەققىدە كۆپلىگەن مەلۇماتلار مەۋجۇت. يەنە كېلىپ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) نىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى كىشىلىك ھوقۇقنىڭ بەكمۇ ئېغىر دەپسەندە بولۇۋاتقانلىقى پاش قىلىنغان مەخسۇس دوكلاتى يېقىندا ئېلان قىلىنىدىكەن. بۇنداق ئەھۋالدا كىشىلىك ھوقۇق ۋە باشقا ھەقلەرنىڭ بۇنچە ئېغىر ئاياق-ئاستى بولۇشىنى خەلقئارا قانۇن سوتلىرىنىڭ خالىغان بىر تەۋەلىك رايونىدا سوتلاش پۈتۈنلەي قانۇنىي تەرتىپكە ئۇيغۇن بولۇپ، بۇ تەۋەلىك ئۈچۈن ئارگېنتىنا سوتىنىڭ تاللىنىشى ئەڭ ئەمەلىي بىر تاللاش ھېسابلىنىدىكەن. چۈنكى ئارگېنتىنا سوتى ئالدىنقى ئايدا بىرمىدىكى روھىنگا مۇسۇلمانلىرىنىڭ قىرغىنچىلىققا دۇچار بولۇشى ھەققىدىكى ئەرزنى قوبۇل قىلغان بولۇپ، بۇ جەھەتتە خېلى ياخشى خىزمەت رېكوردى ياراتقان ئىكەن.

ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى تەشكىلاتى 14-دېكابىر كۈنى ئېلان قىلغان باياناتتا كۆرسىتىلىشىچە، بىرىنچى قەدەمدە ئەرزنامە سوتقا تاپشۇرۇلىدىكەن. باش سوتچى مۇشۇ ئەرزنامىگە ئاساسەن باشقا تەپتىشلەر بىلەن بۇ ھەقتە دېلو تۇرغۇزۇش ھەققىدە قارار چىقىرىدىكەن. دېلو تۇرغۇزۇش ھەققىدە قارار ئېلىنغاندىن كېيىن سوتنىڭ تەپتىش ۋە تەكشۈرۈش باسقۇچى باشلىنىدىكەن. د ئۇ ق ۋە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى بولسا قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەر ھەققىدىكى دەلىل-ئىسپاتلارنى سوتقا تاپشۇرىدىكەن. ناۋادا بۇ باسقۇچلار ئوڭۇشلۇق ئىشقا ئاشسا سوتچى ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىغا جاۋابكار بولغۇچى ئاساسلىق شەخسلەرنى قولغا ئېلىش بۇيرۇقى چىقىرىدىكەن. تېخىمۇ مۇھىمى بۇ بىر تارىخىي ۋەقە بولۇپ، ئۇيغۇرلارغا قارشى زۇلۇمنىڭ تۇنجى قېتىم سوت قىلىنىشى بولۇپ قالىدىكەن.

ئارگېنتىنا سوتىدىكى بولغۇسى پائالىيەتلەر ھەققىدە سورالغاندا مايكىل پولاك «مېنىڭچە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز پاجىئەلىرى ھەققىدە ئارگېنتىنا سوتىدا گۇۋاھلىق بېرىشى زور ئەھمىيەتكە ئىگە. يەنە كېلىپ بۇ سوت ئۆز ئالدىغا قولغا ئېلىش بۇيرۇقى تارقىتالايدۇ ھەمدە بۇ كىشىلەرنى قولغا ئالالايدۇ» دېگەن. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىندا «بىز ب د ت نىڭ قانداقتۇر ئاتالمىش شىنجاڭ دوكلاتى چىقىرىشىغا قەتئىي قارشى تۇرىمىز» دەپ ئىپادە بىلدۈرگەنلىكىنى ئالاھىدە ئەسكەرتكەن مايكىل ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئارگېنتىنادىكى بۇ سوتقىمۇ قارشى چىقىشىنى، شۇنىڭدەك ئارگېنتىنا ھۆكۈمىتىگە بېسىم ئىشلىتىشى مۇمكىنلىكىنى تەخمىن قىلماقتا. ناۋادا شۇنداق بولۇپ قالسا، ئۇلار دەرھال نارازىلىق ئەرزى سۇنماقچى ئىكەن.