لوندون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ شەرقشۇناسلىق ۋە ئافرىقا تەتقىقات ئىنىستىتۇتى ئوقۇغۇچىلىرى ئۇيغۇرلارغا ھەمدەمدە بولۇش ھەركىتى باشلىغان

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2021.10.04

ئەنگىلىيە لوندون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ شەرقشۇناسلىق ۋە ئافرىقا تەتقىقات ئىنىستىتۇتى ئوقۇغۇچىلىرى 11-ئۆكتەبىردىن 15-ئۆكتەبىرگىچە مەكتەپ قورۇسىدا ئۇيغۇرلارغا ھەمدەمدە بولۇش ھەركىتى باشلاشنى پىلانلىغان. مەزكۇر ھەرىكەتنى بۇ ئىنىستىتۇتتىكى «ئۇيغۇرلارغا ھەمدەمدە بولۇش جەمئىيىتى» ناملىق بىر ئوقۇغۇچىلار گۇرۇپپىسى تەكىللىگەن.

مەزكۇر ئوقۇغۇچىلار گۇرۇپپىسىنىڭ 3-ئ‍ۆكتەبىر توردا ئېلان قىلغان باياناتىدا، ياشلاردىكى ئۇيغۇرلارغا بولغان دىققەتنىڭ كۈنسېرى كۈچىيىشىنى كونكىرېت ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇپ، ئۇنىۋېرسىتېت ئەھلىنىڭ تېخىمۇ دىققىتىنى قوزغاش، ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ھەمدەمدە بولۇۋاتقانلارغا بېسىم ئىشلىتىش ئۈچۈن بۇ پائالىيەتنى قوزغىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ئوقۇغۇچىلار 11-ئۆكتەبىر كۈنى مەكتەپ قوراسىدا ئاممىۋىي سورۇنلارنى قۇرۇپ، كىشىلەرنى ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ۋەزىيەت ۋە شەرقىي تۈركىستاندىكى باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەر دۇچ كېلىۋاتقان باستۇرۇشقا ئائىت ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەيدىكەن، شۇنداقلا كىشىلەرنى بۇ پائالىيەتكە قاتنىشىشقا چاقىرىدىكەن. ئوقۇغۇچىلار گۇرۇپپىسى باياناتىدا يەنە ئ‍ۆزلىرىنىڭ كىشىلەرنى 13-ئۆكتەبىر كۈنى ئۇيغۇر مەجبۇرى ئەمگىكىگە چېتىشلىق، دەپ قارالغان ئالما، ئادىداس، نايكى، تېسكو، سېينىسبۇرىي قاتارلىق داڭلىق ماركىلارغا قارشى ئ‍ۆتكۈزۈلىدىغان نامايىشقا قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

باياناتتا ئېيتىلىشىچە، نامايىشتا ئۇيغۇر رايونىدىن كەلگەن خام ئۈشيا ياكى مەھسۇلاتلارنى توختىتىشنى، شىركەتلەرنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ئ‍ۈزۈشىنى، ئۇيغۇر رايونىنىڭ سىرتىدىكى ھۆكۈمەتنىڭ ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ ئىشلىتىش پروگراممىسىغا قاتنىشىپ، ئۇيغۇر ياكى باشقا تۈركىي مۇسۇلمانلىرىنى ئىشلەتكەن كارخانىلارنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى چەكلەشنى تەلەپ قىلىدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.