ياۋروپادا تونۇلغان ئۇيغۇر رەسسام مەرۋايىت خانىمنىڭ رەسىم كۆرگەزمىسى ئاياغلاشتى
2015.01.29
ياۋروپادا تونۇلغان ئۇيغۇر رەسسام مەرۋايىت خانىمنىڭ بۇلتۇر 30-نويابىر گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە باشلانغان خەلقئارالىق رەسىم كۆرگەزمىسى 27-يانۋار مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاياغلاشتى.
بۇ قېتىمقى كۆرگەزمىنى گېرمانىيە دۆلەتلىك پسىخولوگىيە ئاكادېمىيىسى ئۇيۇشتۇرغان. كۆرگەزمىگە رەسسام مەرۋايىت خانىمنىڭ بۇلتۇر تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل شەھىرى ۋە گېرمانىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن بىرقانچە قېتىملىق خەلقئارا رەسىم كۆرگەزمىسىگە قاتنىشىپ مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئىجادىيەتلىرى ۋە يېقىنقى ئىككى يىلدا سىزغان بىر قىسىم يېڭى ئىجادىيەتلىرىدىن 70 پارچىدىن ئارتۇق رەسىم قويۇلغان.
رەسسام مەرۋايىت خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، كۆرگەزمىنىڭ غەلىبىلىك بولغانلىقىدىن ھاياجانلانغانلىقىنى بىلدۈردى. ئىككى ئايدىن بۇيان مەرۋايىت خانىم نۇرغۇنلىغان زىيارەتچىلەرنى كۈتۈۋالغان. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ كۆرگەزمىدىن خەۋەر تاپقان ميۇنخېن شەھەر ئاھالىسى، گېرمانىيە ۋە ياۋروپا دۆلەتلىرىدىكى ئۇيغۇرلار، ۋە نۇرغۇنلىغان رەسساملار كېلىپ زىيارەت قىلغان.
مەلۇم بولۇشىچە، مەرۋايىت خانىمنىڭ بۇ قېتىمقى رەسىم كۆرگەزمىسىگە «يىپەك يولىدىكى كارۋان» نامى قويۇلغان بولۇپ، بۇ، مەرۋايىت خانىمنىڭ ئوخشاش تېمىدىكى رەسىم كۆرگەزمىسىنىڭ 3-قېتىملىقى. كۆرگەزمىگە ئىشتىراك قىلغان گېرمانىيەدە ۋە ياۋروپادا تونۇلغان نۇرغۇنلىغان رەسساملار مەرۋايىت خانىمنىڭ ماي بوياق رەسىملىرى ھەققىدە توختىلىپ، رەسىملەردە ئىپادىلەنگەن ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە ۋە رەسىملەرنىڭ بەدىئىي قىممىتىگە يۇقىرى باھا بەرگەن.