«ۋايرېد» تور ژۇرنىلى: «شىنجاڭدا ساياھەتچىلىك ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ ئاخىرقى ئىزلىرىنى يوقاتماقتا»

ئامېرىكادىكى «ۋايرېد» (Wired) تور ژۇرنىلى خەۋەر ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇر رايونىدا ساياھەتچىلىكنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئىزلىرىنى يوقىتىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

خەۋەردە، ئۆتكەن يىلى ئۇيغۇر رايونىدا زىيارەتتە بولغان فىرانسىيەلىك پاترىك ۋاكنىڭ سۆزى نەقىل كەلتۈرۈلۈپ، بۇ رايوندا ئەنئەنىۋى ئۇيغۇر مەدەنىيەت ئىزلىرىنىڭ ئاساسەن غايىب بولۇۋاتقانلىقى، «ھازىر ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ھىجاپ تاقىمايدىغانلىقى، ھەرقانداق مۇسۇلمانلىق ياكى ئوتتۇرا-شەرق تىپىدىكى سىمۋۇللارنىڭ ئۆچۈرۈلگەنلىكى»، مەزكۇر رايوننىڭ ھازىر «پۈتۈنلەي باشقا بىر جاي» غا ئايلىنىپ قالغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

پاترىك ۋاك 2019-يىلدىن بۇرۇن ئۇيغۇر رايونىدا بىر قانچە قېتىم زىيارەتتە بولغان. ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، بۇ قېتىم ئۇنى ئەڭ ھەيران قالدۇرغىنى كوچىدا 20 ياشتىن 60 ياشقىچە بولغان ئەركەكلەرنىڭ يوقلۇقى ئىكەن. خەۋەردە، ئۇلارنىڭ مۇتلەق كوپ قىسمىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىپ، لاگېرلارغا ئېلىپ كېتىلگەن بولۇشى مۇمكىنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. ئۇنىڭ قەيت قىلىشىچە، «رايوندا شەھەرلەر پۈتۈنلەي خىتاي شەھەرلىرىگە ئايلانغان. شەھەردىكى ئەنئەنىۋى جايلار ۋەيران قىلىنغان ياكى ساقلاپ قېلىنىپ، كۆڭۈل ئېچىش باغچىلىرىغا ئايلاندۇرۇلغان».

ئۇ دەرۋەقە، «شىنجاڭنىڭ بارغانچە خىتاي ساياھەتچىلىرىنىڭ ساياھەتگاھىغا ئايلىنىپ قېلىۋاتقانلىقى، ئۇلارنى بۇ رايوننىڭ قۇملۇق مەنزىرىسى شۇنداقلا يىپەك يولىنىڭ پارچىسى بولغان رومانتىك تارىخىي جەلپ قىلىۋاتقانلىقى» نى بىلدۈرگەن. لېكىن ئۇنىڭ قەيت قىلىشىچە، «بۇ خىل جەلپكارلىق بىر تەرەپلىمىلىك ئىكەن». ئۇ، خىتاي ساياھەتچىلىرىنىڭ قۇمتاغ چۆلىدەك مەنزىرىلىك رايونلاردا ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە تارىخىغا غەيرىي قارايدىغانلىقى، «ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ ھەم غەيرىلەشتۈرۈلۈپ ھەم سىستېمىسىنىڭ يوقىتىشىغا ئۇچراۋاتقانلىقى» نى ئىلگىرى سۈرگەن.