خىتاي خەلقئارانىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا مۇستەقىل تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىغا يول قويمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن

خىتاي خەلقئارانىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا مۇستەقىل تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىغا يول قويمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. خىتاي دائىرىلىرىنىڭ تەكىتلىشىچە، ئۇلار مۇستەقىل تەكشۈرۈشنىڭ ئادىل بولۇشىغا ئىشەنمەيدىكەن. بۇ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ تۇنجى قېتىم نېمە ئۈچۈن خەلقئارانىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا مۇستەقىل تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش تەلەپلىرىنى ئىزچىل رەت قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىغا چۈشەنچە بېرىشىدۇر. خىتاي «يەرشارى ۋاقتى» گېزىتىنىڭ 2-ئاۋغۇست خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي خەلقئارا مۇستەقىل كۆزەتكۈچىلەرنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا كىشىلىك ھوقۇق تەكشۈرۈشى ئېلىپ بېرىشىغا يول قويمايدىكەن.

خەۋەردە، بۇ «بەزى دۆلەتلەرنىڭ ئۆزىدىن پەرقلىق بولغان دۆلەتلەرنى بېسىشتىكى بىر خىل تۇزاق» ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ «ئادالەت ئېلىپ كەلمەي، ئىغۋانى تېخىمۇ ئاۋۇتىدىغانلىقى» تەكىتلەنگەن. «يەرشارى ۋاقتى» گېزىتىنىڭ تەكىتلىشىچە، خىتاينىڭ فىرانسىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى فىرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لې دەرىياننىڭ بۇ ھەقتىكى چاقىرىقىغا 2-ئاۋغۇست كۈنى قايتۇرغان ئىنكاسىدا بۇ باھانىنى كۆرسەتكەن. لې دەرىيان ئۆتكەن ھەپتە ب د ت نىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلغان.

ئۇ ئۆتكەن ھەپتە فىرانسىيە پارلامېنت ئەزالىرىغا سۆز قىلىپ، «ئۇلار(خىتاي) مېنىڭ سۆزلىرىمنى ئاساسسىز دېگەن بولسا، بىز ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى مىشېل باشىلېينىڭ ھەمراھلىقىدا مۇستەقىل خەلقئارا كۆزەتكۈچىلەرنى ئەۋەتىشنى تەكلىپ قىلىمىز» دېگەنىدى. لېكىن «يەرشارى ۋاقتى» گېزىتىنىڭ تەكىتلىشىچە، خىتاي ئەلچىخانىسى بۇ ھەقتىكى باياناتىدا، «يالغانچىلىق ئاساسىدىكى ئاتالمىش›خەلقئارا مۇستەقىل تەكشۈرۈش‹نىڭ ئادالەت ئېلىپ كەلمەيدىغانلىقى»، «بەلكى ئىغۋانى تېخىمۇ ئاۋۇتىدىغانلىقى ۋە ئۇنىڭغا تېخىمۇ ئىلھام بېرىدىغانلىقى» نى ئىلگىرى سۈرگەن. كۆزەتكۈچىلەرنىڭ تەكىتلىشىچە، ئەگەر خىتاينىڭ يوشۇرىدىغان نەرسىسى بولمىسا، خەلقئارا مۇستەقىل كۆزەكۈچىلەرنىڭ رايوندا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىغا يول قوياتتىكەن.