خىتاي دائىرىلىرى ئاقسۇ ۋىلايىتىدە شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىدىن 590 مىڭ ئادەم قېتىم تەربىيەلەش ئېلىپ باردىغانلىقىنى ئېلان قىلغان

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2020-12-07
Share

خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئاقسۇ ۋىلايىتىدە بۇ يىل قىش ۋە كېلەر يىللىق ئەتىياز پەسلىدە شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىدىن 590 مىڭ ئادەم قېتىم كەسپىي تەربىيەلەش ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ تەكىتكلىشىچە، يەرلىك دائىرىلەر مەزكۇر تەربىيەلەش پىلانىغا «پەن-تېخنىكا قىشلىقى» دەپ نام بەرگەن. ئاقسۇ ۋىلايىتى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2017-يىلى باشلانغان چوڭ تۇتقۇنىدىن بۇيان خىتاي پاختا-توقۇمۇچىلىق كارخانىلىرىنىڭ ئەڭ چوڭ بازىسىغا ئايلانغان ۋىلايەت. ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، «سانائەت باغچىلىرى» دىكى بۇ كارخانىلاردا ئون مىڭلىغان ئۇيغۇر ئىشلەمچى مەجبۇرىي ئەمگەككە سەلىنماقتا ئىكەن.

ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقى بۇ يىل 5-ئايدا ئاقسۇدىكى خۇافۇ توقۇمۇچىلىق شېركىتىگە ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىپ، ئۇلارنىڭ «كىشىلىك ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلغانلىقى ۋە خورلىغانلىقى» سەۋەبلىك ئىمبارگو قويغان. بۇ شىركەتنى مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ قارا تىزىملىكىگە ئالغان ئىدى. «ئاقسۇ گېزىتى» نىڭ خەۋەرىدە تەكىتلىشىچە، بۇ قېتىمقى تەربىيەلەش پائالىيىتىدە كۇرسانتلارغا «سىياسەتتىن لېكسىيە سۆزلەش كۈچەيتىلىپ، ‹جوڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى› ئېڭىنى مۇستەھكەملەشكە يىتەكلەيدىكەن.»

خەۋەردە يەنە «قانداق ئىش قىلسا شۇنداق تېخنىكا ماھارىتى، قانداق ئىقتىساسلىقلار كەمچىل بولسا شۇنداق ئىقتىساسلىقلار يىتىلدۈرۈلىدىغانلىقى، ئەمەلىيەتچىل ۋە ئەسقاتىدىغان بولۇش پرىنسىپى مەۋقە قىلىنىدىغانلىقى» نى بىلدۈرگەن. كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ قەيت قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىنقى 3-4 يىل ئىچىدە مۇستەقىل ئۇيغۇر كاسسىپلىرىنى تۇتقۇن قىلىپ، تۇتقۇنلارنى خىتاي كارخانىلىرىدا ئىشلەشكە مەجبۇرىي يىغىۋالغان ئىكەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت