خىتاي دائىرىلىرى قەشقەرنى «تېررورلۇققا قارشى كۈرەش» تىكى مۇھىم ئورۇن، دەپ كۆرسەتتى

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بىر يىللىق قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكىتىنى قەشقەردە قاتتىق ئىجرا قىلىدىغانلىقى مەلۇم بولماقتا.

جۇڭگو خەۋەرلەر تورىنىڭ خەۋىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ پارتكوم سېكرېتارى زىڭ سۇڭ پارتكوم يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە، قەشقەرنى تېررورلۇققا قارشى كۈرەشتىكى ئالدىنقى ئۇرۇش سېپى، دەپ تەسۋىرلىگەن.

ئۇ سۆزىدە مۇنداق دېگەن:
-قەشقەرنىڭ ۋەزىيىتى شىنجاڭ ئومۇمىي ۋەزىيىتىگە مۇھىم تەسىر كۆرسىتىدۇ. قەشقەردە مۇقىملىق بولمىسا، شىنجاڭدا مۇقىملىق بولمايدۇ، شىنجاڭدا مۇقىملىق بولمىسا، پۈتۈن مەملىكەتتە مۇقىملىق بولمايدۇ. شۇڭا قەشقەردە چوقۇم زوراۋانلىق-تېررورلۇققا قاتتىق زەربە بېرىپ، مۇقىملىقنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇش كېرەك.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى زېڭ سۇڭنىڭ يۇقىرىدىكى سۆزلىرىنى قاتتىق تەنقىد قىلدى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇر ئېلىدا دۆلەت تېررورلۇقى يۈرگۈزۈش بىلەن ئەيىبلىدى. ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتى تېررورلۇقنى باھانە قىلىپ، ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇپ يوقىتىش سىياسىتىنى سۈرئەت بىلەن ئىجرا قىلماقتا، دېدى.

قەشقەر دائىرىلىرى 30-ئىيۇن كۈنى ئوچۇق مەيدان سوتى ئېچىپ، 113 ئۇيغۇرغا ھۆكۈم ئېلان قىلغان ئىدى. ئۇنىڭدا، 4 نەپەر ئۇيغۇر گۇماندارغا مۇددەتسىز قاماق جازاسى قالغان 109 نەپەر گۇماندارغا مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلگەن. بۇ كىشىلەر ئاساسەن تېررورلۇق جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەنگەن ئىدى. خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى بولسا بۇ خىل ئوچۇق مەيدان سوتلىرىنى خەلقئارا سوت تەرتىپلىرىگە پۈتۈنلەي خىلاپ، دەپ تەنقىد قىلغان.