ئۇيغۇر ۋەزىيىتى تەتقىقاتچىسى ۋاڭ لىشيۇڭ ساياھەت چەكلىمىسىگە ئۇچرىدى
2015.12.24
ئۇزۇن يىللاردىن بېرى ئۇيغۇر ۋە تىبەت ۋەزىيىتىنى كۆزىتىپ كېلىۋاتقان بېيجىڭدىكى مۇستەقىل تەتقىقاتچى ۋاڭ لىشيۇڭ شەنبە كۈنى بېيجىڭ خەلقئارا ئايرودرومىدا ياپونىيە سەپىرىدىن توختىتىپ قويۇلغان.
مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىل 62 ياشقا كىرگەن ۋاڭ لىشيۇڭ مۇخبىرلارغا ئۆزىنىڭ «دۆلەت بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزۈش گۇمانى» بىلەن سەپەردىن توختىتىپ قويۇلغانلىقىنى ئاشكارىلىغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلىشنى رەت قىلغان ۋە ئۆزىنىڭ بۇ ھەقتە ئاخباراتقا گەپ قىلماسلىق ھەققىدە ساقچىلارغا ۋەدە بەرگەنلىكىنى ئاشكارىلىغان.
ۋاڭ لىشيۇڭ1999 -يىلى يانۋاردا، خىتاينىڭ ئۇيغۇر سىياسىتى ھەققىدە يازغان بىر ماقالىسى سەۋەبلىك «دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلاش جىنايىتى» بىلەن ئەيىبلىنىپ 42 كۈن قاماقتا ياتقان. ئۇ يەنە ئامېرىكا دۆلەت ئەربابلىرىدىن جون كەررىي 2014 -يىلى بېيجىڭنى زىيارەت قىلىۋاتقان مەزگىلىدە ئايالى- تىبەت يازغۇچى ۋۇسېر بىلەن بىرلىكتە ئۆز قورۇسىدا نەزەربەند ئاستىغا ئېلىنغان.
رادىئومىزنىڭ بۈگۈنكى بۇ ھەقتىكى ئىنگلىزچە خەۋىرىدە ئەسكەرتىلىشىچە، ۋاڭ لىشيۇڭ ئۆتكەن يىلى مەھبۇس پروفېسسور ئىلھام توختىنى نېلسون ماندىلاغا ئوخشىتىش ئارقىلىق خىتاي دائىرىلىرىنىڭ يەنە بىر رەت چىشىغا تەگكەن.