ب د ت يىغىنىدا گېرمانىيە ۋەكىلى ئۇيغۇر ۋە تىبەت رايونلىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىگە قاتتىق دىققەت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
گېرمانىيە ۋەكىلى فرانك جاراش بۇ سۆزلەرنى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 19-سېنتەبىر جەنۋەدىكى بىناسىدا چاقىرىلغان يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويغان. يىغىندا يەنە، ئامېرىكا، كانادا، فىرانسىيە، چېخىيە، ئەنگلىيە ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاي كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى تەنقىد قىلغان.
فرانك جاراش گېرمانىيە ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ۋاكالىتەن سۆز قىلغاندا، «گېرمانىيە خىتاي كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىدىن، بولۇپمۇ شىنجاڭ ۋە تىبەت كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتىدۇ. كىشىلىك ھوقۇققا كەڭ كۆلەملىك خىلاپلىق قىلىش نەتىجىسىدە، نۇرغۇن ئادۋوكاتلار، پائالىيەتچىلىرى ۋە ئاكادېمىكلەر پەقەت جەمئىيەتتىكى ئاجىزلارنىڭ ھەققىنى قوغدىغانلىقى ئۈچۈن تۇتقۇن قىلىندى. بىز ھۆكۈمەتنى بارلىق كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىلىرىنى دەرھال قويۇپ بېرىشكە چاقىرىمىز» دېگەن.
كانادا ۋەكىلى روزىمەرىي مىكامىي، خىتاينىڭ « ئادۋوكاتلار ۋە كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىلىرىنى تۇتقۇن قىلىپ، قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىشى، ئۇنىڭ قانۇن بىلەن باشقۇرۇش ۋەدىسىگە گۇمان پەيدا قىلىۋاتىدۇ» دەپ تەكىتلىگەن.
ئامېرىكا ۋەكىلى كېيت خاربېر، «خىتاينىڭ ئاممىۋى گۇرۇھلارنىڭ پائالىيەت بوشلۇقىنى كونترول قىلىشى، دىنىي ئەركىنلىكنى بوغۇشى بىزنى ئەندىشىگە سېلىۋاتىدۇ» دەپ كۆرسەتكەن. لېكىن يىغىندا خىتاي ۋەكىلى جوڭ يىڭفېڭ يۇقىرىقى تەنقىدلەرگە ئىنكاس قايتۇرۇپ، «بىز ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ھوقۇقىنى ھەقىقىي قوغداپ، ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونلىرىغا ھەر خىل ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى يولغا قويۇپ، بۇ رايونلارنىڭ ئىقتىسادى تەرەققىياتىنى ئالغا سۈرۈپ كەلدۇق» دېگەن.
