د ئۇ ق ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيەت ھەقلىرى توغرىسىدا خەلقئارالىق يىغىن چاقىرىدۇ

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2018.03.13

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ تور بېتىدە 13-مارت كۈنى ئېلان قىلىنغان ئېلاندىن مەلۇم بولۇشىچە، د ئۇ ق نۆۋەتتە ئۇيغۇر تىلى ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى دۇچ كېلىۋاتقان ئېغىر كرىزىسلارنى مۇھاكىمە قىلىش ئۈچۈن بىر قېتىملىق خەلقئارالىق يىغىن ئېچىشنى قارار قىلغان.

مەلۇم بولۇشىچە، 2017-يىلى كۈزلۈك ئوقۇش مەۋسۇمىدىن باشلاپ ئۇيغۇر تىلى ھەرقايسى جايلاردىكى باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەردە رەسمىي ئىشلىتىلىشتىن مەنئى قىلىنغان ئىدى.

د ئۇ ق مۇشۇ ئەھۋالنى چىقىش نۇقتىسى قىلغان ھالدا ئامېرىكىدىكى دېموكراتىيەنى ئالغا سۈرۈش فوندىنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىكى قوللىشى بىلەن نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتى ۋە رافتو ئىنسان ھەقلىرى فوندى بىلەن بىرلىكتە 16-مارت كۈنى نورۋېگىيەنىڭ ئوسلو شەھىرىدىكى «نوبېل تىنچلىق مەركىزى» دە بىر قېتىملىق خەلقئارالىق يىغىن ئېچىشنىڭ تەييارلىقىنى قىلماقتا ئىكەن.

«ئۇيغۇرلارنىڭ تىل ھەققى ھۇجۇمغا ئۇچرىماقتا: شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيەت ھەقلىرى» تېمىسىدىكى بۇ يىغىن ئۇيغۇرلار ھەمدە ئۇيغۇر تىلى نۆۋەتتە دۇچ كېلىۋاتقان بىر قاتار مەسىلىلەرگە قاراپ چىقىشنى مەقسەت قىلىدىكەن. شۇ قاتاردا، ئۆتكەن يىگىرمە يىل مابەينىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «قوش تىللىق مائارىپ» نامىدا مەدەنىيەت ئاسسىمىلياتسىيەسى يۈرگۈزۈپ، ئۇيغۇر تىلىغا قانداق ھۇجۇم قىلغانلىقى مۇھاكىمە قىلىنىدىكەن.

بۇ قېتىمقى يىغىندا ھەرقايسى جايلاردىن كەلگەن يۇرت ئاقساقاللىرى، ئىنسان ھەقلىرى پائالىيەتچىلىرى ھەمدە ئىلمىي خادىملار ئۇيغۇر تىلى دۇچ كېلىۋاتقان بىر قاتار مەسىلىلەر ھەققىدە ئۆزلىرى تەييارلاپ كەلگەن پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويىدىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «قوش تىللىق مائارىپ» نامىدا خىتاي تىلىنى ئاساس قىلغان يەككە تىللىق مائارىپ ئەندىزىسىنى مەجبۇرىي ئىجرا قىلىشى خىتاينىڭ ئاساسىي قانۇنىغا ھەمدە خەلقئارالىق بىر قاتار ئەھدىنامىلەرگە پۈتۈنلەي خىلاپ ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.