تۇتقۇندىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ قىزلىرى دادىلىرى ئۈچۈن ئەركىنلىك تەلەپ قىلدى

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىىياسىتى داۋام قىلىۋاتقان بىر پەيتتە، خىتاي تۈرمىلىرىدە يېتىۋاتقان نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ ئاقىۋىتىمۇ ھېلىھەم قاراڭغۇ تۇرماقتا.

6-ئۆكتەبىر كۈنى شۇنداق زىيالىيلارنڭ بىرى بولغان يالقۇن روزىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغانلىقىغا 5 يىل بولغان كۈن بولۇپ، بۇ كۈن مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇنىڭ ئامېرىكادىكى قىزى تۇمارىس يالقۇن تىۋىتتىر ئارقىلىق تۆۋەندىكى چاقىرىقنى قىلدى: «6-ئۆكتەبىر ئۆكتەبىر كۈنى دادامنىڭ قانۇنسىز قولغا ئېلىنغانلىقىغا 5 يىل بولغان كۈن. 2016-يىلى خىتاي كومپارتىيەسى بىگۇناھ دادامنى قولغا ئېلىپ، ئۇنىڭغا 15 يىل قاماق جازاسى بەردى. ئۇنىڭ ئاتالمىش جىنايىتى پەقەتلا ئۇيغۇر ئەدەبىياتى، مەدەنىيىتى ۋە تارىخىنى ساقلاپ قېلىش ئىدى. ئۇ گۇناھسىز. خىتاي كومپارتىيەسىدىن ئۇنى دەرھال قويۇپ بېرىشىنى تەلەپ قىلىمەن!»

7-ئۆكتەبىر كۈنى يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئىلھام توختىنىڭ قىزى جەۋھەر ئىلھاممۇ تىۋىتتىر ئارقىلىق «ئىلھام توختىغا ئەركىنلىك» دەپ چاقىرىق ئېلان قىلدى. ئۇ سۆزىدە «دادامنى كۆرمىگىنىمگە 8 يېرىم يىلدىن ئاشتى، مەن 2017-يىلدىن باشلاپ دادامدىن قەتئىي خەۋەر ئالالمىدىم. ئائىلەمدىكىلەرنىڭ ئۇنى ئۈرۈمچىدىكى تۈرمىگە بېرىپ كۆرۈشىگە يول قويۇلمىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى دادام ئىلھام توختىنى دەرھال ئازاد قىلىشى كېرەك» دېدى.