2014-يىلىدا ئۇيغۇر ئېلىدا يۈز بەرگەن 17 چوڭ ۋەقەنىڭ كۆپ قىسمى مۇقىملىق بىلەن مۇناسىۋەتلىك

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2015.02.23
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

«تەڭرىتاغ تورى» بۈگۈن ئۇيغۇر ئېلىدا 2014-يىلىدا يۈز بەرگەن 17 چوڭ ۋەقەنىڭ تىزىمىنى ئېلان قىلغان.

خەۋەردە ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە، بۇ 17 چوڭ ۋەقەنىڭ توققۇزىنى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئاتالمىش «سىياسىي مۇقىملىقى» غا مۇناسىۋەتلىك ۋەقەلەر ئىگىلەيدىكەن.

ئۇنىڭدا 200 مىڭ كادىرنىڭ «مۇقىملىق» خىزمىتى ئۈچۈن ئاساسىي قاتلامغا چۈشۈشى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «قانۇن بويىچە شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش» شوئارىنى توۋلىشى، جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەشنىڭ داۋاملىشىشى، تەكلىماكاندا 300 جۈپ ئۇيغۇر قىز-يىگىتنىڭ سىياسىي شوئار توۋلاپ كوللېكتىپ توي مۇراسىمى ئۆتكۈزۈشى، يېزا-كەنتلەردىكى يەرلىك ئاممىنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ ئاتالمىش «تېررورچىلار» نى قورشاپ تۇتۇشقا سەپەرۋەرلىك قىلىش ھەرىكىتى، ئۇيغۇر دېھقان رەسساملارنى سەپەرۋەر قىلىپ ئاتالمىش «دىنىي ئاشقۇنلۇق» قا قارشى رەسىم سىزدۇرۇش ھەرىكىتى، ئۈرۈمچى ۋوگزالىدىكى پارتلاش ۋەقەسىدىن كېيىن 11 نەپەر ئۇيغۇر ستۇدېنتنىڭ «بىز ئەمدى سۈكۈت قىلمايمىز» ناملىق ئوچۇق خەتنى ئېلان قىلىشى ۋە ھەر ساھەدىكى ئۇيغۇر ئاممىسىنى مەجبۇرىي رەۋىشتە «كىچىك ئالما ئۇسسۇلى» ئويناشقا سەپەرۋەر قىلىشتەك 9 چوڭ ۋەقە ئالاھىدە تىلغا ئېلىنغان.

كۆزەتكۈچىلەر، بۇنىڭ ئۆزىلا ئۇيغۇر ئېلىدىكى سىياسىي ئاتموسفېرانىڭ ئىنتايىن مۇقىمسىزلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ، دەپ قارىماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.