خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى دىكتاتۇرلۇق ئاپپاراتلىرىغا مەسئۇل كادىرلىرىدىن يەنە بىرەيلەن كومپارتىيە ئىنتىزام تەكشۈرۈش ئورگانلىرى تەرىپىدىن تەكشۈرۈش ئاستىدا ئېلىغان.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش ۋە رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ 3-يانۋار ئېلان قىلغان ئۇقتۇرۇشىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئىلىدىكى نىشانلىق نازارەت قىلىش ئالاھىدە نۇقتىلىرىدىن بىرى بولغان قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ مۇئاۋىن پارتكوم سېكرېتارى، ۋىلايەتلىك سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ سېكرېتارى چىن جيايو تەكشۈرۈلۈشكە باشلىغان.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش ۋە رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ ئۇقتۇرۇشىدا، ئۇنىڭ كونكرېت نېمە سەۋەبلەردىن تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقىغا چۈشەنچە بېرىلمىگەن. ئۇقتۇرۇشتا پەقەت چىن جيايونىڭ «قانۇن-ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىشى» سەۋەبىدىن تەكشۈرۈش ئاستىدا ئېلىنغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
قەشقەر ۋىلايىتى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا 2017-يىلى باشلانغان چوڭ تۇتقۇنىدا، قەشقەر ئۇنىڭ نۇقتىلىق باستۇرۇش نىشانلىرىنىڭ بىرى بولۇپلا قالماي، ئۇنىڭ باستۇرۇشتىن كېيىن يولغا قويغان رايونغا سانائەت كارخانىلىرىنى يۆتكەپ، ئىشلەپچىقىرىش باغچىلىرىنى قۇرۇش، مەبلەغ سېلىشنى تېزلىتىش، ئۇل ئەسلىھەلىرىنى كېڭەيتىپ، خىتاي كۆچمەنلىرىنى يۆتكەش، خىتايلاشتۇرۇش قەدىمىنى تېز سۈرئەتتە ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم نۇقتىلارنىڭ بىرىگە ئايلانغانىدى.
چىن جيايو يېقىنقى 10 كۈن ئىچىدە خىتاي ئىنتىزام تەكشۈرۈش ۋە رېۋىزىيە تارماقلىرى تەرىپىدىن قانۇن ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ تەكشۈرۈش ئاستىغا ئېلىنغان ياكى جازالانغان خىتاينىڭ رايوندىكى يۇقىرى دەرىجىلىك 2-ئەمەلدارى. بۇنىڭ ئالدىدا يەنى ئۆتكەن يىلى 23-دېكابىر كۈنى «شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى» نىڭ سابىق مۇئاۋن قوماندانى جياۋ شياۋپىڭ پارىخورلۇق جىنايىتى بىلەن چوڭچىڭ شەھىرىدە سوتلىنىپ مۇددەتلىك 14 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان.
جياۋ شياۋپىڭ 2023-يىلى2-ئايدا خىتاي ئىنتىزام تەكشۈرۈش ۋە رېۋىزىيە تارماقلىرى تەرىپىدىن تەكشۈرۈش ئاستىغا ئېلىنىپ، شۇ يىلى 7-ئايدا پارتىيەدىن قوغلاپ چىقىرىلغان ھەم ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغانىدى. نۆۋەتتە، چىن جيايو ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش ۋە رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ تەكشۈرۈشى ۋە تەھقىق قىلىشىنى قوبۇل قىلماقتا ئىكەن. مەلۇم بولۇشىچە، چىن جيايو ئىلگىرى باي، كۇچار ناھىيەلىرىنىڭ پارتكوم سېكرېتارى، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن ئىكەن.
