خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئارخىپخانىدا 70 يىل مۈگدەپ ياتقان تارىخىي ئارخىپلارنى قايتا «كۆرگەزمە» قىلغان
2015.08.31
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، يېقىندا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئارخىپخانا «دۇنيا فاشىزمغا قارشى ئۇرۇش مەزگىلىدىكى شىنجاڭ» ناملىق كۆرگەزمە ئۇيۇشتۇرغان.
مەزكۇر كۆرگەزمە بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ «ياپونغا قارشى ئۇرۇش غەلىبىسىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلەش» مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزمەكچى بولغان ھەربىي پاراتىغا توغرا كەلگەن.
كۆرگەزمىدە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئارخىپخانىدا ساقلانغان ياپونغا قارشى ئۇرۇش مەزگىلىدىكى بىر قىسىم تارىخىي ھۆججەت ۋە ئارخىپلار كۆرسىتىلگەن. بولۇپمۇ 1930-يىللارنىڭ ئاخىرلىرىدىن 1940-يىللارنىڭ باشلىرىغىچە بولغان جەرياندا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۆزلۈكىدىن پۇل-مال ۋە ئالتۇن-كۆمۈشلىرىنى ئىئانە قىلىپ ياپونغا قارشى ئالدىنقى سەپكە ئەۋەتكەنلىكى كۆرگەزمە قىلىنغان.
بۇ ھەقتىكى مەخسۇس خەۋەردە مۇنداق دېيىلگەن: «شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقى ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللاپ، ئىئانە توپلىغان. ئۇلار ئۆزلىرى توپلىغان ئىئانە پۇللارغا ھەربىي ئايروپىلان ۋە باشقا بۇيۇملارنى سېتىۋېلىپ ئالدىنقى سەپكە ئەۋەتكەن. ھەر قېتىملىق ئىئانە توپلاش پائالىيىتىدىكى تەسىرلىك كۆرۈنۈشلەر شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ بىردەك ئىتتىپاقلىشىپ، ۋەتەنگە ئۆزىنى بېغىشلاپ، ھايات-ماماتتا بىرگە بولۇشتەك ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسسىياتىنى نامايان قىلغان.»
كۆزەتكۈچىلەر، مەزكۇر «كۆرگەزمە» خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىي تاكتىكىسىنىڭ ئىككى خىل يۈزىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە، دېگەنلەرنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندىن بۇيان بىر تەرەپتىن ئۇيغۇرلارنى «دىنىي ئەسەبىيلىك»، «تېررورلۇق» ۋە «بۆلگۈنچىلىك» بىلەن ئەيىبلەپ قاتتىق باستۇرۇشنى داۋاملاشتۇرسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇيغۇرلارنىڭ ياپونغا قارشى ئۇرۇش مەزگىلىدە خىتايلار بىلەن بىر سەپتە تۇرغانلىقىنى تەشۋىق قىلىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئاتالمىش «جۇڭخۇا ئائىلىسىنىڭ بىر ئەزاسى» ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاشقا ئۇرۇنماقتىكەن.