ئۇيغۇر دىيارى بارغانسېرى خىتاينىڭ «ھاياتلىق كاپالىتى» بولۇپ قالماقتا

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئەزىز تەييارلىدى
2023.11.03

خىتاي ئۈچۈن ئېغىر ئىجتىمائىي مەسىلىلەردىن بىرى خەلقنىڭ ھاياتلىقى ئۈچۈن ئەڭ ئاچقۇچلۇق بولغان ئاشلىق مەسىلىسىنى قانداق ھەل قىلىش بولۇپ كېلىۋاتقانلىقى مەلۇم. خىتاي ھۆكۈمىتى يىللاردىن بۇيان ھەر يىلى چەتئەلدىن ئاشلىق ئىمپورت قىلىش ئارقىلىق دۆلەت ئىچىدىكى ئېھتىياجنى قامداپ كەلگەن. «ستاتىستىكا» (Statista) تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي ھازىر دۇنيا بويىچە بۇغداي ئىمپورت قىلغۇچى ئەڭ چوڭ دۆلەت بولۇپ قالغان. 2022-يىلىنىڭ ئۆزىدىلا خىتاي ئىمپورت قىلغان ئاشلىقنىڭ مىقدارى 53 مىليون توننىدىن ئېشىپ كەتكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى باشقۇرۇشىدىكى «تەڭرىتاغ» تورىنىڭ 2-نويابىردىكى خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىنقى مەزگىللەردە ئۇيغۇر دىيارىدا ئىجرا قىلىۋاتقان بىر قىسىم سىياسەتلەر دەل مۇشۇ مەسىلىنى چۆرىدىگەن ھالدا قانات يېيىۋاتقانلىقى مەلۇم. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ يىللىق كۈزگى ھوسۇل يىغىش مەزگىلىدە ئۇيغۇر دىيارىدىن ئاز دېگەندىمۇ 20 مىليون توننىدىن كۆپرەك ئاشلىقنىڭ توپلىنىشى نۆۋەتتىكى مۇھىم خىزمەت نىشانلىرىدىن بولۇپ قالغان. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىكى نازارىتىنىڭ مەسئۇللىرىدىن تاڭ يىۋۇ بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ «باشقا جايلارنىڭ كۈزگى ھوسۇل يىغىش خىزمىتى ئاياغلاشتى. شىمالىي شىنجاڭدا بۇ خىزمەت جىددىي ئورۇنلانماقتا» دېگەن ھەمدە بۇ يىل پۈتكۈل ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئاشلىق مەھسۇلاتىنى 20 مىليون توننىدىن ئاشىدۇ، دەپ كۆرسەتكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىنى ئاساسلىق ئىشلەپچىقىرىش بازىسى قىلىپ قۇرۇپ چىقىشىدا بۇغداي ئۆستۈرۈش بىر مۇھىم مەزمۇن بولۇپ، ئىچكىرىگە ئاشلىق يۆتكەش ئۇيغۇر دىيارىدىن ئېنېرگىيە يۆتكەشكە ئوخشاشلا جىددىي داۋام قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم. «خىتاي خەۋەر تورى» نىڭ 3-نويابىردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، 2023-يىلى 1-نويابىرغا قەدەر جۇڭغار ئويمانلىقىنىڭ شىمالىدىكى «قاراماي 75» تەبىئىي گاز قۇدۇقى 1992-يىلى قېزىلغاندىن تارتىپ خىتاي سانائىتىنى ئىككى يېرىم مىليارد كۈپ مېتىر تەبىئىي گاز بىلەن تەمىنلەشنى ئەمەلگە ئاشۇرغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.