ئۇيغۇر يېزىلىرىدىكى خىتاي خىزمەت ئەترەتلىرى ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنى چاغان بايرىمى ئۆتكۈزۈشكە ئۇيۇشتۇرغان

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئەركىن تەييارلىدى
2025.01.27

خىتاينىڭ 29-يانۋار باشلىنىدىغان چاغان بايرىمىنىڭ بۇ يىلمۇ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان يەرلىك مۇسۇلمانلارغا خىتاي مەدەنىيىتى ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرىنى تەقلىد قىلىشقا مەجبۇرلاشنىڭ سەھنىسىگە ئايلانغانلىقى مەلۇم بولماقتا.

خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدىن ئۇيغۇر يېزىلىرىدا تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترەتلىرىنىڭ يەرلىك ئاھالىلەرنى تەشكىللەپ چاغان ئۆتكۈزۈش پائالىيەتلىرىدە باشلامچىلىق رول ئويناۋاتقانلىقى، خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزالىرىنىڭ يېزا-قىشلاقلاردىكى مەكتەپ يېشىدىكى ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنى خىتايچە مەسنەۋى يېزىش، تۈگرە تۈگۈش، چاغاننى خىتاي پۇقرالىرىدەك كۈتۈۋېلىشقا تەشكىللەۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا.

2017-يىلدىن بۇرۇن، ئۇيغۇرلارنىڭ چاغاننى كۈتۈۋېلىش، شەرقىي ئاسىيا خەلقلىرىنىڭ مەزكۇر ئەنئەنىۋى مىللىي بايرىمىنى خۇددى ئۇلاردەك ئۆتكۈزۈش بىر مەجبۇرىيەت بولمىغان بولسىمۇ، ئەمما 2017-يىلىدىن باشلاپ ئۇيغۇر ئېلىدە بۇ بىر مەجبۇرىيەتكە ئايلانغان. چاغان ئۆتكۈزۈش ياكى ئۆتكۈزمەسلىك ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئۇيغۇرلار ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى» نى قوبۇل قىلغان-قىلمىغانلىقىنى سىنايدىغان بىر سىياسىي ئۆلچەم ھالىتىگە كەلگەن.

خىتاي ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىلىرىنىڭ 27-يانۋار تارقاتقان بىر سىن تەشۋىقات فىلىمىدا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سىياسى قانۇن كومىتېتىنىڭ قەشقەر كوناشەھەر ناھىيەسى زەمىن يېزىسىنىڭ ئېرىقبېشى كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ شۇ يېزىدىكى ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنى چاغانلىق خىتايچە مەسنەۋى يېزىش ۋە تۈگرە تۈگۈشكە تەشكىللىگەنلىكى كۆرسىتىلگەن. ھالبۇكى، رايوندىكى خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدە، بۇ خىل پائالىيەتلەرنىڭ پۈتكۈل رايون مىقياسىدا قانات يايدۇرۇلغانلىقى، نۇرغۇن جايلاردا «چاغانلىق كەنت كېچىلىكلىرى» ئۆتكۈزۈلۈپ، ئاتالمىش «جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئېسىل مەدەنىيەت ئەنئەنىلىرى» نىڭ نامايان قىلىنغانلىقى ۋە سىڭدۈرۈلگەنلىكى قەيت قىلىنماقتا.

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى چاغان ئۆتكۈزۈشكە ئۇيۇشتۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە ئاساسىي قاتلاملاردىكى مۇقىملىق تەدبىرلىرىنى تېخىمۇ كۈچەيتكەنلىكى مەلۇم بولماقتا. «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى ما شىڭرۈي 27-يانۋار ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز بىلەن ئۈرۈمچى نەنخۇ (يىكەنلىك) جەنۇبىي يول ساقچىخانىسىغا بېرىپ چاغانلىق ھال سورىغاندا، «مۇقىملىق ساقلاش كۈچلىرىنىڭ ئاساسىي قاتلامغا چۆكۈش مېخانىزمىنى ياخشى قوللىنىپ، ھەر خىل مۇقىملىقنى قوغداش تەدبىرلىرىنى ئەستايىدىل ئورۇنلاش» نى تەلەپ قىلغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.