ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتى قۇربان مامۇت قاتارلىقلارنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى
2024.01.22
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتى 21-يانۋار كۈنى X (تىۋىتتېر) دا بايانات ئۇچۇرى بېرىپ، داڭلىق ئۇيغۇر زىيالىيسى، ژۇرنالىست قۇربان مامۇتنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلغان.
ئۇچۇردا مۇنداق دېيىلگەن: «ژۇرنالىست قۇربان مامۇت 2017-يىل ئامېرىكاغا كېلىپ تۇغقان يوقلاپ قايتقاندىن كېيىن تۇتقۇن قىلىنىپ، 15 يىللىق كېسىۋېتىلگەن. خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنى بىر يولىلا تۇتقۇن قىلىپ، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ مەدەنىيەت كىملىكىنى يوقىتىشقا ئۇرۇنۇشلىرىدىن ھېساب بېرىشى كېرەك».
مەزكۇر كومىتېت يەنە 22-يانۋار X (تىۋىتتېر) بەرگەن باياناتىدا، دادىسىنىڭ نەزىرىسىدە دۇئا قىلغان ۋە ئۆيىدە قۇرئان ساقلىغانلىقى ئۈچۈن تۇتۇلغان رەناگۈل غېنىنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلغان ھەمدە خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن مۇشۇنداق ناھەق تۇتۇلۇپ ئۇزۇن يىللىق كېسىۋېتىلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ قويۇپ بېرىلىشى ئۈچۈن ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.
ئۇنىڭدىن باشقا، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزاسى توم لەنتوس (Tom Lantos) باشچىلىقىدا قۇرۇلغان «لەنتوس كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئادالەت فوندى» ناملىق خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى 19-يانۋار كۈنى X دا بايانات بېرىپ، 2018-يىلدىن بۇيان خىتاي تۈرمىسىدە يېتىۋاتقان دوختۇر گۈلشەن ئابباسقا ئەركىنلىك تەلەپ قىلغان ۋە ئۇنىڭ بۇ ھەپتە «ۋىجدان مەھبۇسلىرى» تىزىملىكىگە كىرگەنلىكىنى، يەنى ئۇنىڭ مەزكۇر فوندنىڭ «ئەركىنلىكنى قوغداش پروگراممىسى» غا كىرگەنلىكىنى ئېلان قىلغان.
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتى ۋە ئامېرىكا تاشقى ئىشلا مىنىستىرلىقى 11-يانۋار كۈنى «ناھەق تۇتقۇن قىلىنغان سىياسىي مەھبۇسلار ھەرىكىتى» نىڭ بىر يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئايرىم-ئايرىم بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي دائىرىلىرىنى ئۇيغۇر سىياسىي مەھبۇسلىرىدىن گۈلشەن ئابباس، راھىلە داۋۇت، ئەكبەر ئەسەت قاتارلىق زىيالىيلارنى قويۇپ بېرىشكە چاقىرغانىدى.
مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتى يىللاردىن بېرى خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋە بۇنىڭغا ئائىت قانۇن-نىزاملارنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالىنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، ھەر يىلى بۇ ھەقتە يىللىق دوكلات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا پرېزىدېنتى ۋە دۆلەت مەجلىسىگە سۇنۇپ كەلمەكتە، شۇنداقلا ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنى خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى داۋاملىق ئوتتۇرىغا قويۇشقا چاقىرىپ كەلمەكتە.