خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئادۋوكاتلار جەمئىيەتلىرى ئۈستىدىن نازارەتنى كۈچەيتكەن

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2017.03.02

«شىنجاڭ قانۇن تورى»نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرى 2017-يىلىنى «ئادۋوكاتلار جەمئىيەتلىرى قۇرۇلۇش يىلى» قىلىپ بېكىتكەن. 26-فېۋرال ھەر قايسى ئادۋوكاتلىق جەمئىيەتلىرىگە بۇ ھەقتىكى ھۆججەتنى ئۆگىنىش ئورۇنلاشتۇرۇلغان.

خەۋەردە تەكىتلىنىشىچە، ئادۋوكاتلار جەمئىيەتلىرىنىڭ بۇ قۇرۇلۇش يىلىدا «ئادۋوكاتلىق ئورنى ئىچىدىكى نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىپ، مەركەزنىڭ شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش روھىنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جىنايەتچىلەرگە قانۇن بويىچە قاقشاتقۇچ زەربە بېرىش كېرەك» ئىكەنلىكى قاتتىق تەكىتلەنگەن.

ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەلۇم ئادۋوكاتلىق ئورنىدىن ئىگىلىشىمىزگە قارىغاندا، بۇ قېتىمقى ھۆججەتتە ئادۋوكاتلارغا ۋە ئادۋوكاتلىق ئورۇنلىرىنىڭ قانۇننى ئىجرا قىلىش ۋە باشقا خىزمەت تەرتىپلىرىگە كونكرېت شەرت ۋە تەلەپلەر قويۇلغان، بارلىق ئادۋوكاتلىق كىنىشكىلىرى بار ئادۋوكاتلارنى قايتىدىن تەكشۈرۈش باشلانغان، ئادۋوكاتلىق ئورنىدىكى ئادەم ئىلىتىشتىمۇ مۇقىملىقنى چۆرىدىگەن مۇئەييەن شەرتلەر بەلگىلەنگەن.

بۇ ھەقتە شىكايەت قىلغان ئادۋوكاتلار، گەرچە ئادۋوكاتلىق باشقىلارنى ئاقلاش، باشقىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداشنى ئۆزىنىڭ خىزمەت نىشانى قىلغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ خىل سىياسىي بېسىملار، ئادۋوكاتلارنىڭ كىشىلەر قەلبىدىكى ئوبرازىغا، مىللىي ئادۋوكاتلىق ئىشلىرىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىغا يامان تەسىرلەرنى پەيدا قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. شۇنداقلا ئۇ يەنە، خىتاينىڭ ئادۋوكاتلارغا، ئادۋوكاتلىق ھوقۇقىغا مۇناسىۋەتلىك قانۇن-تۈزۈملىرىنىڭ دېگەندەك مۇكەممەل ئەمەسلىكىنى، بۇمۇ ئۆز نۆۋىتىدە ئادۋوكاتلارنىڭ ئۆز بۇرچىنى تولۇق ئادا قىلىپ، دەۋاگەرلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق مەنپەئەتىنى تولۇق قوغدىيالىشىغا، كىشىلەرنىڭ ئادۋوكاتلارغا بولغان باھاسىغا تەسىر كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى ئىپادىلىدى.

2009-يىلى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن 5-ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ رايوندا ئېلىپ بارغان «زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە قاقشاتقۇچ زەربە بېرىش» مەخسۇس ھەرىكىتى باشلانغاندا، دائىرىلەر «جىنايەتچىلەرنى قەتئىي جازالاش شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ تۈپ كاپالىتى» دەپ جاكارلىغان، بولۇپمۇ ئادۋوكاتلارنى مۇقىملىقنىڭ مۇتلەق ئۈستۈنلۈككە ئىگە ئىكەنلىكىنى چۆرىدەپ، قەتئىي يۇمشاق قوللۇق قىلماسلىققا ئاگاھلاندۇرغان ۋە مەخسۇس بۇ ھەقتىكى ۋەدىنامىلەرگە قول قويۇشقا مەجبۇر قىلغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.