ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئايرودروم سانى خىتايدا «رېكورت» ياراتتى
2022.05.24
خىتاي ھۆكۈمىتى باشقۇرۇشىدىكى «خىتاي خەۋەر تورى» نىڭ 23-مايدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئۇيغۇر دىيارىدا قۇرۇلغان ئايرودروملار سانى 25 كە يېتىپ خىتايدىكى باشقا ئۆلكە ۋە ئاپتونوم رايونلار بويىچە 1-ئورۇنغا ئۆتكەن.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆتكەن بىرنەچچە يىلدا ھەرقايسى ناھىيە ۋە شەھەرلەردە كۆپلەپ ئايرودروم قۇرۇپ چىققان بولۇپ، شۇ قاتاردا تاغلىق رايون بولغان تاشقورغان ناھىيەسىدىمۇ ئايرودروم قۇرۇلغان. بۇنىڭ بىلەن بىرگە نۆۋەتتە قۇرۇقلۇق بويىچە ئۇيغۇر دىيارىنىڭ 85 پىرسەنتى ئايرودرومغا 100 كىلومېتىر كېلىدىغان دائىرىدە بولۇش ئىشقا ئاشقانلىقى ئېيتىلغان. خەۋەردە بۇ ھال «خەلق تۇرمۇشىغا قولايلىق يارىتىش» رولىنى ئوينايدىغانلىقى تەكىتلىنىپ، بۇ ئەھۋال خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىغا كۆرسەتكەن بىر تۈرلۈك «غەمخورلۇقى» ئاھاڭىدا بايان قىلىنغان.
ھالبۇكى «ئايرودروملار سانىدا بىرىنچى بولۇش» خىتايدىكى نوپۇسى ئەڭ كۆپ ئۆلكىلەردە ئەمەس، بەلكى نوپۇسى ئاز بولغان ئۇيغۇر رايونىدا ئەمەلگە ئاشقان. ئۇيغۇر دىيارىنىڭ نوپۇس شالاڭلىقى، ساياھەتچىلىكنىڭ قايناق ماكانى ئەمەسلىكى، شۇنىڭدەك بۇنچە كۆپ ئايرودروم قۇرۇشقا موھتاج ئەمەسلىكىنى تەكىتلىگەن بەزى ئانالىزچىلار بۇنىڭ ماھىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كونتروللۇق ۋە باستۇرۇشنى تېخىمۇ ئاسانلاشتۇرۇش، شۇنىڭدەك قوشنا رايونلارغا كېڭەيمىچىلىك قىلىشىغا تەييارلىق كۆرۈش ئىكەنلىكىنى ئالغا سۈرمەكتىكەن.