ئۇيغۇر دىيارىدىكى چاغان تەييارلىقىدا «خىتاي كىملىكى» ئالاھىدە ئورۇن ئالدى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2023.01.19

خىتايلارنىڭ ئەڭ چوڭ بايرىمى بولغان 2023-يىللىق چاغان (باھار بايرىمى) يېتىپ كېلىش ئالدىدا ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا تۈرلۈك تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىنىڭ تەييارلىقلىرى باشلىنىپ كەتكەن بولۇپ، بۇ ئەھۋال خىتاي ئاخباراتلىرىدا ئۇيغۇر دىيارىدىكى بىر يېڭىلىق سۈپىتىدە كەڭ تەشۋىق قىلنىشقا باشلىغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى باشقۇرىشىدىكى «خىتاي خەۋەرلىرى تورى» نىڭ 19-يانۋاردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئالدىنقى ئاخشىمى ئۈرۈمچىنىڭ ئەڭ يىراق جايلىرىدىن بولغان داۋانچىڭ رايونىدىكى ئېۋىرغول رايونىدا «قاشتېشى توشقان بىلەن باھار بايرىمىنى كۈتۈۋالايلى» تېمىسىدا چاغانلىق كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلگەن. پائالىيەتتە شۇ جايدىكى ئامما چوڭ زالغا توپلىنىپ «توشقان يىلىنى كۈتۈۋالغان.»

بۇ خىلدىكى پائالىيەتلەردىن تىپىك خىتايچە ئالاھىدىلىككە ئىگە «مەدەنىيەت-ساياھەت پائالىيىتى» خوتەن ۋىلايىتىدىمۇ ئۆتكۈزۈلگەن. خىتاي باشقۇرۇشىدىكى «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ 19-يانۋاردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى شىچۈ تىياتىرى، پانۇس سەيلىسى، قەدىمىي خىتايچە شېئىرلارنى دېكلاماتسىيە قىلىش قاتارلىق تۈرلەرنى بۇ يىللىق قىشلىق ساياھەتنىڭ مۇھىم تېمىلىرىدىن قىلىپ بېكىتكەن. خوتەن ۋىلايەتلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ليۇ خەيچېن بۇ ھەقتە مۇخبىرلارغا سۆز قىلىپ: «بۇ تۈرلەر خوتەننىڭ قىشلىق ساياھەت بازىرىنى جانلاندۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ ساياھەتچىنى خوتەنگە كېلىشكە جەلپ قىلىدۇ» دېگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر دىيارىدىكى خىتايچە مىللىي كىملىك ۋە ئورتاق كىملىك چۈشەنچىسىنى ئومۇملاشتۇرۇشقا كۈچ چىقىرىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، ھەرقايسى جايلاردىكى ئۇيغۇرلار ئىزچىل خىتايچە شەكىلدە خىتايلارنىڭ چاغان بايرىمىنى قۇتلۇقلاشقا مەجبۇر قىلىنىپ كەلگەن ئىدى. شۇ سەۋەبتىن ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ئىزچىل خەلقئارانىڭ دىققىتىدە بولۇۋاتقان، دۇنيا ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ ئەلچىلىرى ئۇيغۇر دىيارىدا زىيارەتتە بولغان بىر پەيتتە خىتايچە مەدەنىيەت-سەنئەت تۈرلىرى ئارقىلىق «قىشلىق ساياھەت بازىرىنى جانلاندۇرۇش» تەشۋىقاتىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى، ھەر ساھەنىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا. تېخىمۇ مۇھىمى خىتايدىكى ۋىرۇس يۇقۇمى شىددەت بىلەن كېڭىيىۋاتقان بىر پەيتتە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا تېخىمۇ كۆپ ئاممىۋى يىغىلىش پائالىيەتلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇشى بۇ ھەقتە تۈرلۈك گۇمانلارغا سەۋەب بولماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.