بۇ يىلمۇ ئۇيغۇر رايونىدا چاغان بايرىمى ئۆتكۈزۈش شامىلى كۈچىيىپ كەتكەن
2021.02.12
خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ بەس-بەستە تاراتقان خەۋەرلىرىگە قارىغاندا، بۈگۈنمۇ ئۇيغۇر رايونىدا چاغان بايرىمى ئۆتكۈزۈش شامىلى ئەۋج ئالدۇرۇلغان بولۇپ، شەھەردىن يېزىلارغىچە، كوچا-كويلاردىن مەھەللىلەرگىچە بۇ بايرامنى ئۆتكۈزۈش ئۇيغۇرلارنىڭ «ۋەتەننى سۆيۈش، جۇڭخۇا مىللىتى ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىش» مەيدانىنى سىنايدىغان مۇھىم پائالىيەت بولۇپ قالغان.
9-فېۋرال تارقالغان سۈرەتلىك خەۋەرلەردە قەشقەر قەدىمىي شەھەر رايونىدىكى ئاھالىلەرنىڭ چاغان كېلىشى ھارپىسىدا ئۆيلىرىنىڭ ئالدىغا خىتايچە مەسنەۋى ۋە قىيما رەسىملەرنى چاپلاشقا تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقى، يوللارغا پانۇس ئېسىلغانلىقى، كىشىلەرنىڭ پوجاڭزا كۆتۈرۈۋالغانلىقى، بازارلاردا چاغانلىق بۇيۇملارنى سېتىۋېلىش قىزغىنلىقى كۆتۈرۈلگەنلىكى، ھەممە جاينى قويۇق «بايرام كەيپىياتى» قاپلىغانلىقى خەۋەر قىلىنغان.
ئۇنىڭدىن باشقا يۇتۇب قانىلىدا چاغان بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن «پەرىدىئو 2021-يىللىق تور سەنئەت كېچىلىكى» نىڭ نەق مەيدان ۋىدىيوسى تارقىتىلغان بولۇپ، رىياسەتچىلەرنىڭ كىيىمىدىن تارتىپ سەھنە سۆزلىرىگىچە «چاغانلىق مەدەنىيەت» ناھايىتى روشەن ئىپادىلەنگەن؛ ئۇيغۇر سەنئەت ساھەسىدە كۆزگە كۆرۈنگەن شەخسلەر بىلەن كارخانىچىلار بىرلىكتە پائالىيەت قىلغان ھەمدە كۆڭۈل ئېچىش بىلەن ئېلان تەشۋىقاتىنى بىرلەشتۈرۈپ، ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى ۋەزىيەتتە زاماننىڭ ئالدىدا كېتىۋاتقانلىقىدەك قىزغىن كۆرۈنۈش پەيدا قىلىشقا تىرىشقان.
ئانالىزچىلارنىڭ قارىشىچە، بايرام بىر مىللەتنىڭ كوللېكتىپ ئېڭىنى تۇتۇپ تۇرىدىغان نەرسە، خىتاينىڭ چاغان بايرىمىنى داغدۇغىلىق تەبرىكلىشى ۋە ھەممە يەردە ئومۇملاشتۇرۇشقا ئۇرۇنۇشى ئەزەلدىن داۋاملىشىپ كەلگەن بولسىمۇ، يېقىنقى يىللاردا بۇ مىللىي ئاسسىمىلياتسىيە ۋە زوراۋانلىق تۈسىنى ئېلىپ تېخىمۇ ئەۋج ئېلىشقا باشلىغان. خىتاينىڭ مەقسىتى ئۇيغۇرلار ۋە باشقا مىللەتلەرنىڭ ئەنئەنىۋى بايراملىرىنى سۇسلاشتۇرۇپ ھەم يوقىتىپ، خىتاينىڭ چاغان بايرىمى، تاۋۇز چاغىنى دېگەندەك بايراملىرىنى ئۇنىڭ ئورنىغا دەسسىتىشتۇر.