ئۇيغۇر دىيارىدىكى خىتاي ئوقۇتقۇچىلار ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆيلىرىدە چاغان ئۆتكۈزۈشكە ئۇيۇشتۇرۇلغان

خىتاي ھۆكۈمىتى چاغان بايرىمىدا ھەر خىل ئۇسۇللارنى ئىشقا سېلىپ، ئۇيغۇرلارنى چاغان بايرىمى ئۆتكۈزۈشكە قىستىغان.

خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، دائىرىلەر بۇ يىللىق چاغاندا خىتاي ئوقۇتقۇچىلارنى سەپەرۋەر قىلغان. ئۇلارنى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئائىلىلىرىگە بېرىپ، چاغاننى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئائىلىلىرىدە بىللە ئۆتكۈزۈشكە تەشكىللىگەن. تۇرپان رايونىنىڭ ئۆزىدە 10 مىڭ ئوقۇتقۇچى يېزا-كەنتلەرگە چۈشۈپ، چاغاننىڭ ھارپا كېچىسىنى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئائىلىلىرىدە ئۆتكۈزۈشكە ئورۇنلاشتۇرۇلغان.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بۇ يىلنىڭ باشلىرىدا ئۇقتۇرۇش چىقىپ، چاغاننى ھەممە مىللەتنىڭ تەڭ ئۆتكۈزۈشى تۆۋەنگە چۈشكەن ھەر قايسى خىزمەت گۇرۇپپىلىرىنىڭ ئەڭ ئاساسلىق سىياسىي ۋەزىپىسى ئىكەنلىكى ۋە بۇنىڭ بىر مۇقىملىق تەدبىرى ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلغان. بىراق چەتئەلدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر مۇسۇلمان ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي چاغان ئۆتكۈزۈشكە ئورۇنلاشتۇرۇشنى تەنقىدلەپ، بۇنىڭ «مەدەنىيەت زوراۋانلىقى» ۋە «مەجبۇرىي ئاسسىمىلياتسىيە» سىياسىتى ئىكەنلىكى شۇنداقلا بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرىگە قىلىنغان ئېغىر ھۆرمەتسىزلىك ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن ئىدى.

ئۈرۈمچىدە چىقىدىغان «مەركىزى شەھەر ئىستېمالچىلار ئەتىگەنلىك گېزىتى» نىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، تۇرپاندا ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئائىلىسىگە بېرىپ چاغان ئۆتكۈزۈشكە ئورۇنلاشتۇرۇلغان بىر خىتاي ئوقۇتقۇچى ئۆزىنىڭ بىرىنچى قېتىم بىر ئاز سانلىق مىللەتنىڭ ئۆيىدە چاغان بايرىمى ئۆتكۈزگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۇ، «بىز مەسنەۋىلەرنى بىرگە چاپلىدۇق، بىرگە تۈگرە تۈگدۇق، تاماقلارغا بىرگە ھەمداستىخان بولدۇق، ئۆز ئارا ئالاقە، ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق بىر-بىرىمىزگە بولغان چۈشەنچىمىز ئاشتى. ھېسسىياتىمىز چوڭقۇرلاشتى،» دېگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي پۇقرالىرىنى پىلانلىق ئۇيغۇر ئائىلىلەردە چاغان ئۆتكۈزۈشكە ئورۇنلاشتۇرۇشى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ باشقا جايلىرىدىمۇ يۈز بەرگەن. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ زۇۋانى بولغان «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي-قانۇن كومىتېتىنىڭ سېكرېتارى جۇ خەيلۈن چاغاننى خوتەن ناھىيەسىنىڭ باغچى بازىرىغا قاراشلىق يۇقىرىقى باغ كەنتىدىكى بىر ئۇيغۇر ئائىلىسىدە ئۆتكۈزگەن.