يەرلىك دائىرىلەر ئۈرۈمچىنىڭ تەڭرىتاغ رايونىدا قوي ۋە كالا گۆشى تەمىناتى توختىتىلىپ، مۇسۇلمانلار ئولتۇرۇشلۇق بۇ رايوننى پەقەت چوشقا ۋە توخۇ گۆشى بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. خىتاي دائىرىلىرىنىڭ قۇربان ھېيت ھارپىسىدا كارانتىن ئاستىدىكى مۇسۇلمانلار رايونىنى نوقۇل چوشقا گۆشى بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلىشى چەتئەلدىكى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. ئۇلارنىڭ تەكىتلىشىچە، بۇ كارانتىن ئاستىدىكى مۇسۇلمانلارنى ئامالسىز چوشقا گۆشى يېيىشكە مەجبۇرلاشنىڭ بىر خىل ئۇسۇلى ئىكەن.
تەڭرىتاغ رايونلۇق سودا ئىدارىسى 25-ئىيۇل كۈنى ھەر قايسى كۆكتات، گۆش دۇكانلىرىغا ۋە گۆش، كۆكتات تەمىنات نۇقتىلىرىغا ئۇقتۇرۇش چۈشۈرۈپ، زاپاس قوي ۋە كالا گۆشى تەمىناتىنىڭ ۋاقىتلىق توختىتىلغانلىقى، لېكىن چوشقا ۋە توخۇ گۆشى بىلەن داۋاملىق تەمىنلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. سودا ئىدارىسىنىڭ ئۇقتۇرۇشىدا، بۇ رايوندىكى بارلىق گۆش دۇكانلىرىنىڭ گۆشنى بىردەك «تەڭرىتاغ خۇاڭنيۇ دېھقانچىلىق-چارۋۇچىلىق پەن-تېخنىكا ئېچىش چەكلىك شىركىتى» دىن كىرگۈزۈشى تەلەپ قىلىنغان.
خىتاي دائىرىلىرىنىڭ قۇربان ھېيت ھارپىسىدا تۇيۇقسىز بۇ ئۇقتۇرۇشنى چىقىرىشىغا قانداق ئامىل سەۋەب بولغانلىقى مەلۇم ئەمەس. تەڭرىتاغ رايونلۇق سودا ئىدارىسىنىڭ ئۇقتۇرۇشىدا بۇنىڭ سەۋەبى چۈشەندۈرۈلمىگەن. ئۇنىڭدا پەقەت يۇقىرىنىڭ جىددىي ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇپ ئالغانلىقى تەكىتلەنگەن. نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ چوشقا گۆشى يېيىش-يېمەسلىكىنى ئۇلارنىڭ خىتاي دۆلىتى ۋە خىتاي كومپارتىيەسىگە سادىق ياكى ئەمەسلىكىنى سىنايدىغان بىر خىل ئۆلچەم قىلىۋالغانلىقى مەلۇم.