خىتاي ئىسلام جەمئىيىتى: «شىنجاڭدا ئىسلام دىنىنى خىتايچىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ياردەم قىلىمىز»

ئاتالمىش «خىتاي مەملىكەتلىك ئىسلام جەمئىيىتى» نىڭ رەئىسى ياڭ فامىڭ باشچىلىقىدىكى بىر ھەيئەت ئۇيغۇر ئېلىدا زىيارەتتە بولۇپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان «شىنجاڭدا ئىسلامنى خىتايچىلاشتۇرۇش» ھەركىتىنى قوللايدىغانلىقى ۋە بۇ ھەرىكەتنى ئالغا سۈرۈشكە ياردەم قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، «خىتاي ئىسلام جەمئىيىتى» نىڭ مەزكۇر رەئىسى بۇ سۆزلەرنى 23-فېۋرال ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرىتارى ما شىڭرۇي بىلەن كۆرۈشكەندە ئېيتقان. ھالبۇكى، خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋەرلىرىدە، ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى دىنىي سىياسىتى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، غەرب ئەللىرى ۋە ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى ئ‍ىشخانىسىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچراۋاتقان بىر پەيتتە زىيارەتتە بولۇشىنىڭ كونكىرېت مەقسىتى تىلغا ئېلىنمىغان.

ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى ئىشخانىسىنىڭ ئۆتكەن يىلى ئېلان قىلغان «شىنجاڭ دوكلاتى» دا، خىتاينىڭ «دىنىي رادىكاللىق» قا بەرگەن ئېنىقلىمىسىغا سوئال قويغان، شۇنداقلا خىتاينىڭ «دىنىي رادىكاللىققا قارشى تۇرۇش» نى باھانە قىلىپ، نورمال دىنىي ئەركىنلىكنى چەكلىگەنلىكى تەنقىد قىلغان. خىتاينىڭ رايوندىكى ھەركىتىنىڭ «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت شەكىلەندۈرۈشى مۇمكىنلىكى» بىلدۈرۈلگەن ئىدى.

«شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ 24-فېۋرالدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈشىچە، ياڭ فامىڭ 23-فېۋرال ما شىڭرۇي بىلەن كۆرۈشكەندە مۇنداق دېگەن: «خىتاي ئىسلام جەمئىيىتى ئۆزىنىڭ فۇنكسىيەلىك رولىنى يەنىمۇ ئىلگىرلەپ جارى قىلدۇرۇپ، دىنىي گۇرۇپپىلارنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش قاتارلىق ئىشلارغا ئاكتىپ ياردەم بېرىدۇ. شىنجاڭدا ئىسلام دىنىنىڭ خىتايچىلاشتۇرۇلۇشىغا ياردەم بېرىپ، دىنىي ئىناقلىق، ئىجتىمائىي ئىناقلىق ۋە مىللەتلەر ئىناقلىقىنى تېخىمۇ ياخشى ئالغا سۈرىدۇ.»

كۆرۈشۈشتە ما شىڭرۇي، «كومپارتىيەنىڭ يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭنى باشقۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنى تولۇق ۋە توغرا ئىجرا قىلىپ، خىتاينىڭ ئىسلام دىنىنى خىتايچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە قەتئىي چىڭ تۇرۇش» نى، «شىنجاڭدا ئىسلام دىنىنىڭ سوتسىيالىستىك جەمئىيەتكە ماسلىشىشىنى ئاكتىپ ئىلگىرى سۈرۈش» نى تەكىتلىگەن، شۇنداقلا شىنجاڭنىڭ دىنىي خىزمەتلىرىدە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشنى تەلەپ قىلغان.