خىتاينىڭ ئەنخۇي ئۆلكىسىدىكى «جۇڭگو پەن-تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتى» 17-ئۆكتەبىر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلىرىغا بىردەك دىنىي ئېتىقادنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋەدە ۋە مەسئۇلىيەتنامىسى ئىمزالاتقان.
ۋەدە ۋە مەسئۇلىيەتنامىدە دىنغا ئېتىقاد قىلماسلىق، دىنىي پائالىيەت بىلەن شۇغۇللانماسلىق، دىنىي كىيىم كىيمەسلىك، دىنىي بۇيۇملارنى ساقلىماسلىق، باشقىلارنىڭ يۇقىرىقىدەك ئىش ھەرىكەتلەردە بولۇشى، دىن تارقىتىشى ياكى دىنىي يۈزلىنىشلەردە بولۇشىغا يول قويماسلىق تەلەپ قىلىنغان.
«جۇڭگو پەن-تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتى» نىڭ بۇ ھەرىكىتى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا دىنىي ئېتىقاد ئومۇميۈزلۈك چەكلىنىپ، بۇنىڭغا خىلاپلىق قىلغان مۇسۇلمانلار قاماققا ياكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قامىلىۋاتقان مەزگىلگە توغرا كەلدى.
كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، نۆۋەتتە ئاز دېگەندە بىر مىليوندەك ئۇيغۇر يىغىۋېلىش لاگېرلىرىدا تۇتۇپ تۇرۇلماقتا ئىكەن. يۇقىرىقى ۋەدىنامە ۋە مەسئۇلىيەتنامە «جۇڭگو پەن-تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ 2018-2019-يىللىق كۈز پەسىللىك ئوقۇش مەۋسۇمىدىكى شىنجاڭ سىنىپلىرىنىڭ يىغىنى» دا ئىمزالانغان.
يىغىندا ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتتا تۇرۇشلۇق نازارەتچى ئوقۇتقۇچىسى جاڭ خەييەن سۆز قىلىپ، ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلاردىن ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ «ئىككىگە يول قويماسلىق»، «ئالتىنى چەكلەش» توغرىسىدىكى تەلىپىگە قەتئىي ئەمەل قىلىشنى تەلەپ قىلغان.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ 2016-يىلى 11-ئايدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان «ئىككىگە يول قويماسلىق»، «ئالتىنى چەكلەش» توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشىدا، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ دىنغا ئېتىقاد قىلىشى، دىنىي پائالىيەتلەردە بولۇشى بىردەك چەكلەنگەن ئىدى.