ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىلىرى خىتاي مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى باھار بايرىمى - چاغان مەزگىلىدە ھەر تۈرلۈك بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا خىتاي پۇقرالىرىنىڭ بايراملىق سەپەر ئىشلىرىغا ئالاھىدە قۇلايلىق شارائىت يارىتىۋاتقانلىقى ھەمدە بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىۋاتقانلىقى ئىنكاس قىلىنماقتا.
«شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ خەۋىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، 16-فېۋرال كۈنىدىن باشلاپ ئۆتكۈزۈلىدىغان چاغان بايرىمىدا زور ساندىكى خىتاي ئاھالىسى خىتاي ئىچكىرى ئۆلكىلىرىگە ۋە ياكى ئۇيغۇر رايونى ئىچىدە يۆتكىلىپ، ئاتا-ئانا، ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن جەم بولىدىغان بولۇپ، ئەنە شۇ پائالىيەتلەر ئۈچۈن قۇلايلىق شارائىت يارىتىش مەقسىتىدە خىتاي شەھەرلىرىگە قاتنايدىغان پويىز قېتىم سانى كۆپەيتىلىدىكەن، مەسىلەن، ئۈرۈمچىدىن شاڭخەي ۋە چېڭدۇ لىنىيەسىدە بىۋاسىتە قاتنايدىغان 16 پويىز كۆپەيتىلىدىكەن.
قاتناش دائىرىلىرى چاغان مەزگىلىدىكى پويىزلاردىكى قاتناش سانىنىڭ تۆت مىليون 4 يۈز مىڭ ئادەم قېتىمغا يېتىشىنى مۆلچەرلىگەن.
بۇنىڭ بىلەنلا قالماستىن يەنە خىتاي ئاۋىئاتسىيە دائىرىلىرى ئۇيغۇر رايونى ئىچى ۋە خىتاينىڭ بىر قىسىم چوڭ شەھەرلىرى ئارىسىدىكى ھاۋا قاتنىشىدىكى نۆۋەتچى ئايروپىلان سانىنى كۆپەيتىدىكەن ۋە يېڭىدىن ئۈرۈمچى-نەنچۇڭ-ۋېنجۇ لىنىيىسى ۋە باشقا بىۋاسىتە لىنىيەلەرنى ئاچىدىكەن.
خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، چاغان مەزگىلىدىكى بۇ خىل قاتناش قولايلىقلىرىغا ماس ھالدا ئۈرۈمچى، غۇلجا، ئاقسۇ كورلا قاتارلىق شەھەرلەردىكى 7 چوڭ ۋوگزالدا 17 بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش ئۆتكىلى قۇرىدىكەن ۋە يەنە بىر قىسىم ۋوگزاللاردا يولۇچىلارغا قارىتا «يېشىل يول» تەسىس قىلىنىدىكەن. دائىرىلەر بۇلارنىڭ ھەممىسىنى يولۇچىلار ئۈچۈن قۇلايلىق يارىتىش دەپ ئاتىغان.
ئەمما، خەلقئارا مەتبۇئات ئۇچۇرلىرىدا ئېيتىلىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى ھازىر ئۇيغۇر رايونىنىڭ ھەممىلا يېرىدە، كوچا، جامائەت ئورۇنلىرى ۋە قاتناش ئورۇنلىرىدا زور ساندىكى كامېرالارنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، تەكشۈرۈش ۋە نازارەتنى كۈچەيتىۋەتكەن. ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، بۇ خىل تەكشۈرۈش ۋە نازارەت قىلىشنىڭ ئاساس نىشانلىرى ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەر بولماقتا، ئايروپورت، پويىز ئىستانسىسى قاتارلىق جايلاردىكى ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش خىتايلارغا قارىغاندا ئالاھىدە قاتتىقلىقى بىلەن پەرقلىق بولۇپ كەلمەكتە ئىكەن.