خىتاي ئۇيغۇر رايونىدا ئىش كۈتۈپ تۇرغان «ئاز سانلىق مىللەت» ئوقۇغۇچىلىرىدىن 4000 نەپەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرماقچى

مەلۇم بولۇشىچە خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر رايونىدا ئىش كۈتۈپ تۇرغان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىدىن 4000 نەپەرنى دۆلەت كارخانىلىرى ۋە مەركىزى كارخانىلارغا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرماقچى.

تەڭرىتاغ تورىدا تۈنۈگۈن ئېلان قىلىنغان بۇ ھەقتىكى خەۋەردە دېيىلىشىچە، مەزكۇر ئىش كۈتۈپ تۇرغان ئوقۇغۇچىلار بۇ يىل ئىچىدە 6 ئاي بىلەن بىر يىللىق مۇددەتتە خىتاي ئۆلكىلىرىگە كەسپىي جەھەتتىن تەربىيەلەشكە ئەۋەتىلىدۇ؛ خەۋەردە يەنە بۇ 4000 نەپەر كىشىنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ «ئاز سانلىق مىللەت» تىن ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلگەن. ئەمما خەۋەردە بۇ خىل ئىشسىزلىق ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ سەۋەب ۋە تۈرتكىلىرى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلمىگەن.

خەلقئارادىكى بەزى كۆزەتكۈچىلەر ئۇيغۇر رايونىدىكى تەڭسىز سىياسەت سەۋەبىدىن ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەن ئۇيغۇر ياشلىرىدا ئىشسىزلىق نىسبىتىنىڭ يۇقىرىلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن؛ يەنە بەزى كۆزەتكۈچىلەر يەرلىك ئاھالىلەر ئارىسىدىكى ئىشسىزلىق مەسىلىسىنى رايوندىكى مۇقىمسىزلىقنىڭ مۇھىم سەۋەبلىرىدىن بىرى دەپ كۆرسەتكەن. ئۇيغۇر رايونىدا 2013- ۋە 2014-يىللىرى ئەڭ كۆپ ۋەقە چىققان ۋە شۇنىڭدىن كېيىنكى خىتاينىڭ «شىنجاڭ خىزمەت يىغىنلىرى»دا ئىشسىزلىق مەسىلىسى ئويلىشىلىدىغان مەسىلىلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالغان ئىدى.

«تەڭرىتاغ تورى»نىڭ بۇ توغرىلىق خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، ئۇيغۇر رايونىدا 2015-يىلىدىن بۇيان 9561 نەپەر ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچى خىتاي ئۆلكىلىرىدە قايتىدىن تەربىيىلىگەن ۋە دۆلەت كارخانىلىرىغا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغان.