دائىرىلەر ئۇيغۇر دىيارىدا يەنە 15 جايدا مول كان بايلىقى تېپىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2017.01.24

خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقى 24-يانۋاردىكى خەۋىرىدە، ئۇيغۇر دىيارىدىكى 15 جايدا ئاليۇمىن، سېنىك، مانگان، ئالتۇن، مىس كان بايلىقى تېپىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى. خەۋەردە پەقەت خوتەن دىيارىدىن تېپىلغان ئاليۇمىن ۋە سېنك كان زاپىسىنىڭ خىتايدا 1-ئورۇندا دۇنيادا 7-ئورۇندا تۇرىدىغانلىقى تىلغا ئېلىنىپ، يىللىق ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 24 مىليون توننا مۆلچەرلەنگەن بۇ كان ئېچىلسا 3000 كىشىگە ئىش پۇرسىتى يارىتىلىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە يەنە، قەشقەرنىڭ تاشقورغان ناھىيىسى، ئىلى ئوبلاستىنىڭ ئارشاڭ ناھىيىسىدىكى تەبىئىي ئىسسىق سۇ ئېنېرگىيىسى ئارقىلىق مەزكۇر رايوندىكى سانائەت ۋە ئاھالىلەرنىڭ سۇ، ئىسسىقلىق ئېھتىياجىنى قامداش مۇمكىنلىكى ئەسكەرتىلگەن.

خىتاي دائىرىلىرى ئىقتىسادىي تەرەققىيات نىشان قىلىنغان يېقىنقى 30 يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر دىيارىدىكى تەبىئىي بايلىق مەنبەلىرىدىن نېفىت، تەبىئىي گاز، كۆمۈر، ئالتۇن، مىس، ئۇران قاتارلىق كان بايلىقلىرىنى ئېچىشنى تېزلىتىپ، پىششىقلاپ ئىشلەش سانائىتىنى راۋاجلاندۇردى. ئەمما، بۇ كان بايلىقلىرىنىڭ خىتاي ئۆلكە، شەھەرلىرىگە توشۇلۇپ، رايوندىكى ئىش پۇرسەتلىرىنىڭ خىتاي كۆچمەنلىرىگە بېرىلىشى، دۆلەت ئىچىدە ئىلھام توختى قاتارلىق ئۇيغۇر ئۆكتىچى زىيالىيلىرى تەرىپىدىن «بايلىقنىڭ ھەقىقىي ئىگىلىرى بولغان ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەر تەرەققىيات ۋە مەنپەئەت سىرتىدا قالدۇرۇلدى» دەپ تەنقىدلەنگەن بولسا، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى خىتاي دائىرىلىرىنى ئۇيغۇر دىيارىدا مۇستەملىكىچىلىك سىياسىتى يۈرگۈزۈش بىلەن ئەيىبلىمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.