ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى ئۇيغۇر رايونىدىكى لاگېرلارنى تەكشۈرۈشكە چاقىرىدىكەن

«پۇل-مۇئامىلە گېزىتى» تورىنىڭ 21-فېۋرال بەرگەن خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى دومىنىك راب 22-فېۋرال بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە مۇراجىئەت سۆزى قىلىپ، ئۇلارنى ئۇيغۇر رايونىدىكى لاگېرلارنى تەكشۈرۈشكە دەرھال ئادەم ئەۋەتىشكە چاقىرىدىكەن. ئۇ سۆزىدە «شىنجاڭ ۋەزىيىتى بىز ھەل قىلالايدىغان دائىرىدىن ھالقىپ كەتتى. ئۇ يەردە يۈز بېرىۋاتقان قىيناشلار، مەجبۇرىي ئەمگەك، ئاياللارنى تۇغماس قىلىۋېتىش قاتارلىق قىلمىشلار تولىمۇ قەبىھ ۋە كەڭ دائىرىلىك بولۇپ، ˃كۆلەملەشكەن سانائەت˂ شەكلىدە يۈز بېرىۋاتىدۇ» دېگەنلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئاگاھلاندۇرۇش بەرمەكچىكەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، دومىنىك راب ئەنگلىيە پارلامېنتىدىكى كونسېرۋاتىپ پارتىيە ئەزالىرىنىڭ بېسىمىغا ئۇچرىغان بولۇپ، كونسېرۋاتىپلار ئۇنىڭدىن خىتاينى تېخىمۇ كۈچلۈك تەنقىد قىلىشنى تەلەپ قىلغان. ئۇ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە يۇقىرىقى مۇراجىئەت سۆزىنى قىلىشتىن ئىلگىرى ئامېرىكا پرېزىدېنتى جوۋ بايدىن مەزكۇر كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە كۆزەتكۈچى سۈپىتىدە قايتىدىن قاتنىشىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.

ئانالىزچىلارنىڭ قارىشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلغان ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى بۇ مۇراجىئەت ئارقىلىق ئۆزىنىڭ خەلقئارا دىپلوماتىيە ۋە خەۋپسزلىك جەھەتتىن تېگىشلىك رول ئوينىشىنى ئۈمىد قىلماقتىكەن. ئەنگلىيە باش مىنىستىرى بورس جونسوننىڭ ئالدىنقى ھەپتە «ميۇنخېن بىخەتەرلىك يىغىنى» دا ئەنگلىيە، فرانسىيە، گېرمانىيە ۋە ئامېرىكادىن تەشكىل تاپقان «تۆت تەرەپ ئىتتىپاقى» نى قۇرۇش ھەققىدە قىلغان سۆزىمۇ بۇنى ئىسپاتلايدىكەن.