خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى 28-سېنتەبىر كۈنى قەشقەردە «جەنۇبىي شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش» تېمىسىدا يىغىن ئاچقان بولۇپ، يىغىندا 3-قېتىملىق «شىنجاڭ خىزمەت يىغىنى» نىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئىجرا قىلىش، شۇ قاتاردا «جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئىختىساسلىقلار سېپىنى كېڭەيتىش» تەكىتلەنگەن.
مەزكۇر مىنىستىرلىقنىڭ مىنىستىرى جاڭ جىنەن بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ «شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش ئىستراتېگىيەسىنى تولۇق ۋە قەتئىي ئىجرا قىلىش» نى تەكىتلىگەن. شۇنىڭدەك «بىز چوقۇق ئىختىساسلىق كىشىلەرنى تەربىيەلەش ئارقىلىق جەنۇبىي شىنجاڭدىكى نامراتلىق ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى يۈكسەلدۈرۈشىمىز كېرەك» دېگەن. ئاخىرىدا بولسا «تەربىيەلەش» بىلەن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى زىچ بىرلەشتۈرۈش، بۇ جەھەتتە خىتاي ئۆلكىلىرى تېگىشلىك «ياردەم» دە بولۇش لازىملىقىنى بىلدۈرگەن.
يىغىندا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىرمۇ سۆز قىلىپ خىتاي ئۆلكىلىرىنىڭ بۇ خىلدىكى «نىشانلىق ياردەم» لىرىنىڭ مۇقىملىق ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا پايدىلىق ئىكەنلىكىنى، شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ قارارنى تولۇق ئىجرا قىلىش لازىملىقىنى تەكىتلىگەن.
ئەمما بىر قىسىم ئانالىزچىلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆتكەن مەزگىللەردە ئىزچىل داۋام قىلىۋاتقان ھەمدە بارغانسېرى كېڭىيىۋاتقانلىقى مەلۇم بولۇۋاتقان لاگېرلارنى «تەربىيەلەش» نامىدا ئاقلاپ كەلگەنلىكىنى، شۇنداقلا «تەربىيەلەش» نامىدا كېڭىيىۋاتقان بۇ لاگېرلارنىڭ خەلقئارادا كەسكىن تەنقىدلىنىۋاتقان «مەجبۇرىي ئەمگەك» ئۈچۈن ئەمگەك كۈچلىرىنى تەييارلايدىغان مەيدان بولۇۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى. شۇنىڭدەك خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتىكى «نىشانلىق ياردەم بېرىش» قۇرۇلۇشىنى «تەربىيەلەش ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» بىلەن باغلاپ ئىجرا قىلىش ئەھۋالىغا قاراپ بۇنىڭ نۆۋەتتىكى لاگېرلارنى تېخىمۇ كېڭەيتىشنىڭ بېشارىتى ئىكەنلىكىنى ئالغا سۈردى.