خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدىكى مائارىپ ساھەسىنى مۇتلەق قامال قىلىشقا تەييارلانماقتا

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2021.01.14

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق دائىرىلەر يېقىندا «يېڭى دەۋردىكى مائارىپنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى ئىسلاھ قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى يولغا قويۇش پىلانى» نى ئېلان قىلغان ھەمدە بۇنى دەرھال ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئۇقتۇرۇش قىلغان.

خىتاينىڭ «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يېڭى دەۋردىكى مائارىپنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى بويىچە «مائارىپتا ئىدېئولوگىيەگە يېتەكچىلىك قىلىش، شى جىنپىڭچە ئىدىيە يېتەكلىچىكىدە چىڭ تۇرۇش، شىنجاڭ خىزمىتى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ روھىنى، بولۇپمۇ شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى مائارىپ تەرەققىياتىدا ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش» دېگەنلەر تەكىتلەنگەن.

ئۇيغۇر رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى باش ئىشخانىسى ۋە خەلق ھۆكۈمىتى باش ئىشخانىسى تەرىپىدىن جىددىي چاقىرىلغان بۇ يوليورۇق يىغىنىدا ئۇلار ئۇيغۇر ئېلىدىكى «تۈزەش سىستېمىسىنى كۈچەيتىش» ھەققىدە مەخسۇس توختالغان بولۇپ، بۇ چەت ئەللەردىكى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغىدى. ئۇنىڭدا مۇنداق دىيىلگەن:

«شىنجاڭدىكى ھەر دەرىجىلىك مائارىپ نازارەتچىلىك ئاپپاراتلىرى نازارەت قىلىش نەتىجىسىگە ئاساسەن، نازارەت قىلىنىدىغان ئورۇنلاردىكى مەسىلىلەرنى قەتئىي تۈزىتىشى كېرەك. تۈزىتىش جايىدا ياكى ۋاقتىدا بولمىسا، نازارەت قىلىش بۇيرۇقى چىقىرىلىپ، مۆھلەت ئىچىدە تۈزىتىش كېرەك. نازارەت قىلىنىدىغان ئورۇن مەسىلىنى ھەل قىلىشى، ئەتراپلىق تۈزىتىشى، تۈزىتىش نەتىجىسىنى مائارىپ نازارەتچىلىك ئورگىنىغا ۋاقتىدا دوكلات قىلىشى، تۈزىتىش ئەھۋالىنى جەمئىيەتكە ئېلان قىلىشى كېرەك»

ئۇنىڭدا يەنە مۇنۇلار دېيىلگەن: «تەكشۈرۈش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. شىنجاڭدىكى ھەر دەرىجىلىك مائارىپ نازارەتچىلىك ئاپپاراتلىرى مائارىپ نازارەتچىلىكىنى تەكشۈرۈش سىستېمىسىنى قاتتىق يولغا قويۇپ، مەمۇرىي رايونلاردىكى نازارەت قىلىنىدىغان ئىشلارغا «ئۆتكەنكىلەرگە قايات قاراپ چىقىش» مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، يۇقىرى ۋە مۇناسىپ مائارىپ نازارەتچىلىك ئاپپاراتلىرىنىڭ نازارىتىدە بايقالغان مەسىلىلەرنى تۈزىتىشى ۋە تۈزۈتۈش جەريانلىرىنى ۋاقتىدا تەكشۈرۈشى كېرەك.»

چەت ئەللەردىكى كۆزەتكۈچىلەر بۇ مائارىپ باشقۇرۇش پىلانىدىكى مەزمۇنلارنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇر مائارىپىنى مۇتلەق قامال ئاستىغا ئالىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى مائارىپ ساھەسىدىكى نازارەتچىلىك ئىشلىرىدا ئىشلارغا «ئۆتكەنكىلەرگە قايات قاراپ چىقىش» مېخانىزمىنى تەكىتلىشى بۇ ساھەدە ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە يەنە نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ھەرخىل باھانىلەر بىلەن سوئال-سوراق ۋە تۇتقۇنغا ئۇچرايدىغانلىقىنىڭ بىشارىتى بولۇشى مۇمكىن، دەيدۇ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.